ئەل ئارا رېتسېپلار
ئەگەر كىشى كىرپىنىڭ ئۆتىنى كۆزىگە سۈركىسە، كۆزى روشەن بولۇر.
ئەگەر كۆزىگە تەتۈر كىرپىك ئۆسۈپ قالغان بولسا، ئىلاننى قۇرۇتۇپ، تالقانلاپ، كۆزگە سەپسە چۈشۈپ كېتەر.
ئەگەر كۆزى ئىشىشىپ ئاغرىسا، ئىلان تېرىسى بىلەن كۆزىنى ئىسلىسا ئاغرىق پەسىيەر.
ئەگەر كۆزىگە نېپىز پەردە پەردە پەيدا بولغان بولسا، ئايالنىڭ تۇنجى سۈتىنى ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزىگە سۈرتسە پەردە يوقىلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقىدىغان بولسا، خورازنىڭ ئۆتىنى ئۇندەك يۇمشىتىپ، كۆزىگە سۈرتسە ياشاڭغۇراش توختار.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى ياشاڭغۇرايدىغان بولسا، ھۆپۈپنىڭ قېنىنى سۈرتسە ياش توختار.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى ياشاڭغۇرىسا، توشقاننىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ، كۆزىگە سۈرتسە مەنپەئەت قىلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى قىزىرىپ قالغان بولسا، چوشقىنىڭ ئۆپكىسىنى ئىككى چېكىسىگە تاڭسا قىزىللىق كۆتۈرۈلەر.
ئەگەر كىشىنىڭ ياشاڭغۇرىسا، كۆزىگە كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى سۈرسە پايدا قىلۇر.
ئەگەر كىشى نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالغان بولسا، قىزىل ئۆچكىنىڭ جىگىرىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئۇندەك ھالەتكە كەلگەندە كۆزگە سەپسە پايدا قىلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزىدە پەردە بولسا، پىيازنىڭ سۈيىنى ئايال كىشىنىڭ سۈتى بىلەن كۆزگە تېمىتسا يوق بولۇر.
ئەگەر كىشى نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالسا، يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيىنى گۈل سۈيى كۆزىگە تېمىتسا شىپا بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالغان بولسا، كىرپىنىڭ ئۆتىنى كۆزىگە تېمىتسا، ئاق يوق بولۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى ئاجىز بولسا، مۈشۈكنىڭ ئۆتىنى سايىدە قۇرۇتۇپ كۆزىگە سۈركىسە، ناھايىتى روشەن بولغاي.
ئەگەر خوراز ئۆتىنى كۆزگە تارتسا، كۆز روشەن بولۇر. تەتۈر كىرپىك ئۆسۈشنىڭ ئالدىنى ئالۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقار بولسا، ئۆچكىنىڭ يۇلۇنىنى چاپسا ياش ئاقماس. ئۆچكە جىگىرىنى قۇرۇتۇپ، پىشۇرۇپ كۆيدۈرۈپ، كۆزگە سەپسە مەنپەئەت قىلۇر.
ئەگەر كىشى لالە گۈلىنى كۆزىگە سۈركىسە، كۆزى روشەن بولۇر، نامازشام قارىغۇسى بولماس.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى خىرە بولسا، ئاق توغقاننىڭ ئۆتىنى كۆزىگە سۈركىسە روشەن بولۇر.
ئەگەر كىشى ئۆچكىنىڭ ئۆتىنى نانغا قوغۇپ يېسە، ھەرگىز كۆزى ئاغرىمىغاي. ئاق چۈشكەن كۆزگە كىيىكنىڭ ئۆتىنى سۈركىسە ئاق يوقىلۇر. لەيلىقازاقنىڭ سۈيىنى ھەسەل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆزگە تېمىتسىمۇ مەنپەئەت قىلۇر.
ئەگەر كىشى ئاق ئۈجمىنىڭ قۇرۇپ قالغا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، كۆزىگە تاڭسا كۆز ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاغرىق بولسا شىپالىق بېرىدۇ.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى ئاغرىسا، ئاچچىق ئانارنىڭ سۈيىنى كۆزىگە تېمىتسا ياكى قۇرغۇينىڭ ئۆتىنى سۈركىسە ياكى تۆگىنىڭ يۇڭىنى كۆيدۈرۈپ ياغ بىلەن مەلەم قىلىپ كۆزگە چاپسا ئەلۋەتتە پايدا قىلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى خىرە بولۇپ قالسا، قارغىنىڭ ئۆتىنى كۆزىگە تارتسا ۋە پىلتە قىلىپ كۆزىگە قويسا، ئەلۋەتتە روشەن بولۇر.