ئېغىز بوشلۇقىنى پەرۋىش قىلىش
ئېغىز تازىلىقىغا ناھايىتى دىققەت قىلىش، ھەر كۈنى چىشنى چوتكىلاپ يۇيۇش ياكى ئازراق تۇز قوشۇلغان سۇ بىلەن دائىم ئېغىزنى چايقاپ تۇرۇش لازىم. ئېغىز بوشلۇقىدا قىزىرىپ ئىششىش، ئاقىرىپ ئاق پەردە ھاسىل بولۇش ھەمدە قان- يىرىڭ تۈكۈرۈشتەك ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئېغىر كېسەللەردە نەپەس قىيىنلىشىش بار- يوقلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: جىددىي كېسەللەردە خەپرۈك كۆپىيىپ نەپەس يوللىرىنى توسۇپ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرسا، باشنى يېنىچە قىلىپ ياتقۇزۇش، خەپرۈكنىڭ گالغا تىقىلىپ قېلىشى ياكى نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىم. گال كېسەللىكلىرى كۆپىنچە يەلدىن بولۇپمۇ ئىسسىق يەلدىن، سەپرادىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا سەپرانى كۈچەيتىدىغان لازا، ھاراق، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. گال كېسەللىكلىرى سوغۇقتىن، ئاجىزلىقتىن بولغاندا يېتىپ- قوپۇشقا، يېمەك- ئىچمەككە، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.