ئىچكى كېسەللىكلەر

ئاشقازان كېسەللىكى يۇقۇملۇقمۇ؟

كىشىلەرگە مەلۇم، جىگەر ياللۇغى يۇقىدۇ، ئۆپكە تۇبېركۇليوزىمۇ يۇقىدۇ، لېكىن ئاشقازان كېسەللىكىنىمۇ يۇقىدۇ دېسەك ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېببىي ئالىملار يېقىندىن بېرى مۇنداق بىر يىڭىلىقنى بايقىدى: ئادەتتە ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپلا ئاشقازان كېسەللىكى دەيدۇ. ھازىر بىر خىل بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيە-ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزى تاياقچە باكتېرىيىسى ئاشقازان كېسەللىكى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، 95%~50 ئاشقازان كېسەللىكى بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇلىنىدىغانلىقى بايقالدى. شۇڭا، بۇ خىل باكتېرىيە ئاشقازان كېسەللىكىنىڭ باش جىنايەتچىسىدۇر. ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدا ياشايدۇ، ئۇ باشقا باكتېرىيىلەرگە ئوخشاشلا يۇقىدۇ.
تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزىدىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى يېمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدۇ. تاماق سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلەتكۈچى كىشلەر توپىدا، بۇ خىل باكتېرىيىنىڭ يۇقۇشچانلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. تېبىىي ئالىملارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چىش كىرى، شۆلگىيى ۋە قۇسۇقلىرىدىن  ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىنى تاپقان، ئۇلارنىڭ گەندىسىدىنمۇ بۇ خىل باكتېرىيىنى تاپقان.
بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاشقازان كېسەللىكىمۇ بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك، شۇڭا ئاشقازان كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىشنى توسۇش ۋە سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇق كۆكتاتلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش، تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماق يېگەندە ئايرىم تاماق يېيىش تۈزۈمىنى قوللىنىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button