پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇش
پۇراش قۇۋىتى بۇزۇلۇش (فەسادۇششەممى) پۇراش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىغا قارىتىلماي، بەلكى پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ تەبىئىي ھالەتتىن ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان. ئۇ ئادەتتە ئۈچ خىل ھالەتتە ئۇچرايدۇ.
1 . بۇرۇننىڭ پۇراش قۇۋۋىتى ھەممە پۇراقنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ.
2 . بىر خىل پۇراقلىق نەرسىنى كېسەل كىشى ئىككى خىل ھېس قىلىدۇ.
3. بۇرۇن پەقەت سېسىق ياكى خۇشپۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ. ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ياكى ئايرىپ سېزىلمەيدۇ.
سەۋەبى:
1.بۇرۇن پۇراش قۇۋۋىتى ھەممە پۇراقنى بىر خىللا ھېس قىلىشىدىكى سەۋەب :
بىرىنچى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن مىزاج ئىسسق، قۇرۇق ۋە سوغۇق، ھۆللۈكتىن ئۆزگىرىپ پۇراش قۇۋىتى بۇزۇلۇپ ھەممە پۇراقلارنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ.
ئىككىنچى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ناچار خىلىت پەيدا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەن ياكى كۈچلۈك بۇزۇق كەيپىياتقا ئۆزگەرگەنلىكتىن پۇراش قۇۋىتى داۋاملىق شۇ خىلىتقا خاس بىر خىل پۇراقنىلا سېزىدۇ.
بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى مەزكۇر خىلىتنىڭ مېڭىدىكى پۇراش مەركىزىگە يېقىن بولغانلىقى ھەمدە بۇ مەركەزنىڭ شۇ پۇراققا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.
2 . بىر خىل پۇراقلىق نەرسىنى كېسەل كىشى ئىككى خىل ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى ئورتاق سېزىم قوبۇل قىلىش ئورنىدا خىلىت (ماددا) لىق بۇزۇلۇشى پەيدا بولغانلىقتىن پۇراش قۇۋىتى بىر خىل پۇراقنى ئىككى خىل سېزىدۇ.
3 . بۇرۇننىڭ خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي، بەلكى پەقەت سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، مېڭىنىڭ پۇراق سېزىش مەركىزىدە قان ياكى بەلغەم خاراكتىرلىق تەبىئىي تاتلىق ماددىلار يىغىلىپ قالغانلىقتىن پۇراش قۇۋىتى خۇش پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ-دە، پۇراش قۇۋىتىنىڭ ئەكسىچە پۇراقنى قوبۇل قىلىش خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى سەزمەي سېسىق پۇراقنىلا سېزىدۇ.
ئالامىتى :
1. بۇرۇننىڭ پۇراش قۇۋىتى ھەممە پۇراقلارنى بىر خىللا ھېس قىلىشتا مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ: بىرىنچى، مىزاج ئىسسىق ياكى قۇلاققا ئۆزگىرىسە، پۇراق قۇۋىتى بۇزۇلۇپ كېسەل كىشى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە يوق ياخشى، يامان پۇراقلارنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ. كۆپىنچە، سېسىق پۇراقلارنى ياقتۇرۇپ خۇشبۇي نەرسىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.
بىرىنچى، مىزاج سوغۇق ۋە ھۆللۈككە ئۆزگەرسە، مېڭە ئاجىزلىشىپ پۇراش قۇۋىتى ئۆزگىرىدۇ، كېسەل كىشى پەقەت بىر خىل پۇراقنى يەنى خۇش پۇراق ياكى سېسىق پۇراقلارنىلا سېزىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق پۇراقلار بولمىغان بولىدۇ.
ئىككىنچى، مېڭە ئالدىنقى قىسمىدا ئورۇنلاشقان ناچار خىلىتنىڭ مىقتارى ئاز، يامان كەيپىياتقا ئۆزگىرىشى ئاجىزراق بولسا، ئادەتتە مەزكۇر خىلىتنىڭ پۇرىقى سىزىلمەيدۇ. مىقتارى كۆپ، يامان كەيپىياتقا ئۆزگىرىشى كۈچلۈكرەك بولسا، سىرتقى جەھەتتىكى پۇراقلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۇراش قۇۋىتى پەقەت شۇ خىل پۇراقنىلا سېزىدۇ.
خىلىت بۇرۇنغا قارىمۇچ، سۇنبۇل پۇرىغاندەك بىلىنسە، خىلىتنىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىدىن؛ سېسىق بىلىنسە، خىلىتنىڭ بۇزۇق ھەمدە ماددىنىڭ سېسىق ئىكەنلىكىنى؛ ھۆللۈككە مايىل زەي بىلىنسە، خىلىتنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىنى؛ ئاچچىق پۇراق بىلىنسە، سەۋدا خىلىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2 . بىر خىل پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىككى خىل ھېس قىلىشتا كېسەل كىشى دەسلەپتە بىر خىل نەرسىنى خۇش پۇراقلىق ھېس قىلسا، قايتا پۇرىغاندا سېسىق ھېس قىلىدۇ. كېسەل كىشى دىمىقى دائىم چىڭقىلىپ بۇرنى پۈتۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
3 . خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي، سېسىق نەرسىلەرنى ھېس قىلىشتا كېسەل كىشىنىڭ بۇرنى سېسىق پۇراقلارنىلا سېزىدۇ.
سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي، خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشتا كېسەل كىشىنىڭ بۇرنى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ.