بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

كۆپ چۈشكۈرۈش

  كۆپ چۈشكۈرۈش ( ئوتاس ) ھەرخىل ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارقا- ئارقىدىن توختىماي چۈشكۈرگەنلىكىگە ياكى ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقانلىقىغا قارىتىلغان، بەزىلەردە كۆپ چۈشكۈرۈش بىر~ئىككى ئاي، ھەتتا بەش- ئالتە ئاي داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن.
     چۈشكۈرۈش ئەسلىدە مېڭىنى ھەرخىل يېقىمسىز ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلايدىغان بىر خىل تەبئىي مۇداپىئە پائالىيتىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ۋە ئۇزاق داۋاملاشقا، ئەكسىنچە بەزىبىر زىيانلارنىمۇ كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇن قاناش، تەپ ۋە باشقا قىزىتمىلىق كېسەللەردە بىمارنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، زۇكام ۋە تەپنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆپ چۈشكۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
     سەۋەبى: كۆپ چۈشكۈرۈش ئىچكى ياكى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئىچكى ياكى تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن مېڭىگە بىرەر مۇخاپىلىق يەتسە، مېڭە ئۇنى دەپئى قىلىش ( يوقىتىش) ئۈچۈن چۈشكۈرىدۇ ياكى بۇرۇن ئىچى سۇزۇلما خاراكتېرلىك ۋەرەمىدە بىمار چاڭ- توزان، غىدىقلىغۇچى پۇراقلارغا يولۇققاندا توختىماي چۈشكۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە بۇرۇن ئىچىدىكى قىل قان تومۇرلاردا سۇددە ( توسالغۇ ) پەيدا بولۇپ، ئوفۇنەتلىنىش نەتىجىسىدە كۆپ چۈشكۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.
     ئالامىتى: بۇرۇن ئىچى قىچىشىپ، داۋاملىق غىدىقلىنىپ ئارقا- ئارقىدىن چۈشكۈرىدۇ. بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ، چۈشكۈرۈش سەل توختىغاندا بۇرۇن ئىچى قۇرۇپ، قىزىرىپ، ئېچىشىدۇ. گەرچە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسىمۇ، قىزىش، باغ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولمايدۇ.
    داۋاسى: ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئىنىقلاش، مېڭىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددىنى تېپىپ سۈرۈپ چىقىرىشقا ئامال قىلىش كېرەك.
    ئادەتتە ھەببى ئايارەج، ھەببى رەۋەن، ھەبىبى بىنەپشە، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى شاھتەررە، شەربىتى بىنەپشە، شەربىتى خەشخاش قاتارلىقلارنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
   كۆپ چۈشكۈرۈشكە بۇرۇن ۋەرەمى سەۋەب بولغان بولسا، ئاز مىقداردىكى مامىرانچىننى سۇدا قاينىتىپ بۇرۇنغا ئېلىش ياكى باشقا چارىلەر بىلەن بۇرۇن ئىچىدىكى ۋەرەمنى داۋالاش لازىم.
   خۇشبۇي ياغلاردىن گۈل يېغى، بىلسان يېغى، بىنەپشە يېغى، سۆگەت يېغىدىن قايسىبىرى بولسا شۇنى بۇرۇنغا تېمىتىش، ئاز مىقداردىكى ئەپيۈننى كۈندە بىر قېتىم پۇرىتىش كېرەك. باشقا ئىلمان سۇ قويۇش، يۇقىرىقىدىكى ياغلاردىن بىرىنى قۇلاققا تېمىتىش،قۇلاق يۇمشىقىنى ئ.ۇچۇلاش، قىزىق ئاتىلا ئىچىش، گەدەنگە يۇمشاق ياستۇق قويۇپ، بويۇن ساھەلىرىنى نۆۋەت بىلەن ئۇچۇلاپ بېرىش، كۆرپىدە يېتىپ ئۇيان- بۇيان دۇمىلاشقا بۇيرۇش چارىلەرنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە  مەنپەئەتى بار. بىمارنى قاتتىق ئويلىنىش، مۇھىم ئىشلارغا جىددىي مەشخۇل بولۇش، ئالما پۇراشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ ماىللار چۈشكۈرۈشنى كۈچەيتىپ قويىدۇ. چاڭ- توزانلار، غىدىقلىغۇچى پۇراقلار ۋە بەتبۇي ھىدلاردىن ساقلىنىشنىڭ كۆپ چۈشكۈرۈشنى ئازايتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بار.
    كىچىك بالا كۆپ چۈشكۈرسە، قوي بۆرىكىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ، تامغان سۈيىنى بالىنىڭ بۇرنىغا تېمىتىش ياكى سۈركەش كېرەك.
     ئەسكەرتىش:
    كۆپ چۈشكۈرۈش مېڭىسىدە ھارارەت بولغان، كۆكرىكىدە ماددا كۆپ، بۇرنى قانايدىغان كىشىلەرگە زەرەر قىلىدۇ.
    تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەرگە چۈشكۈرۈش پايدىلىقتۇر. 
   1. بېشىدا ئازراق بۇخار ياكى يەل بار، يەڭگىل دەرىجىدە خىلىت بار كىشىلەر چۈشكۈرۈش پايدىلىق.
   2. مېڭىدە ماددا بولۇپ، مەزكۇر ماددا، مەزكۇر ماددا پىشقان كىشىلەرگە چۈشكۈرۈش مەنپەئەت قىلىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن زۇكامنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللەردىكى چۈشكۈرۈش ياخشى دەپ قارىلىدۇ.
   3. تۇغۇت ئۈستىدىكى يەنى تۇغۇۋاتقان ئاياللار چۈشكۈرسە، بالىنى ھەم بالا ھەمراھىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button