پۇت-قول كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

قولغا قاراپ سالامەتلىككە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

تېبابەتچىلىك نوقتىسىدىن كۆزەتكەندە قول تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بەزى ئۇچۇر بېشارەتلەرنى بېرەلەيدۇ.
قولدا قىزىل سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ يۇقىرى قان بېسىمى، رېماتىزىم، يۈرەك كېسىلىدىن بېشارەت بېرىدۇ. قولنىڭ دۈمبىسىگە ئۇششاق ئاق بۆرتمىلەر چىقىپ قالسا، بۇ خولېستېرىننىڭ زىيادە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
قول ئالىقىنى قىزىپ، قۇرغاقلاشسا، بۇ قالقانسىمانبەز فۇنكسىيىسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنىدا ئۇششاق قىزىل داغ پەيدا بولسا، بۇ جىگەر ياللۇغى ياكى دىئابېت كېسىلىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنىغا، بولۇپمۇ بارماق ئۇچىغا قان تولۇپ قىزىرىپ قالسا، جىگەر قېتىش، جىگەر راكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول بارمىقى توم ھەم قىسقا، قول ئالىقىنى كەڭ ھەم قېلىن بولۇپ قالسا، بۇ قورامىغا يەتكەنلەردە بولىدىغان بەدەن ئالدى قانات ئۆسمىسى شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ قالسا بۇ سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماقنىڭ ئۇچى ئاقىرىپ قالسا، بۇ قان ئايلىنىشتا توسالغۇ پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق ئۇچىدىكى سىزىقچىلاردا ئېرىقچە پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى سەكتە خەۋپى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق بوغۇملىرى قېتىشىپ ئەگكىلى بولمىسا، ئاغرىۋاتقان بولسا بۇ رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بارماق ئۇچى نورمالسىز يوغىناپ، يىلاننىڭ بېشىغا ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسى يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قول ئالىقىنى ۋە بارماق ئارىلىقىدىكى مۇسكۇللار يىگلەپ، توخۇنىڭ پۇتىغا ئوخشاپ قالسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سېزىمىنى يوقاتسا بۇ قول نېرۋىلىرىدىن مەسىلە چىققان، يۇلۇن كاۋاكلىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەتراپى نېرۋا ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللەردە پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button