بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۇرۇن ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

     بۇرۇن پارسىچە بىينى ،ئەرەپچە ئەنف دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى بەش سەزگۈ ( ھەۋاسى خەمىسە زاھىرى ) ئەزانىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئاسالىق ۋەزىپىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل پۇراقلارنى ئۆزىدىكى پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى سامما ) ئارقىلىق ئەينى بويىچە سېزىپ ، چوڭ مېڭە ئالدىنقى قىسمىدىكى ئورتاق ھىس قىلىش ( ھىسى مۇشتەرەك ) ئورنىغا يەتكۈزۈپ نورمال پۇراش سېزىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ، ئىنسانلارنى نەپەسلىنىش ئۈچۈن ۋاستە يول بىلەن تەمىنلەش ، ئاۋازنى جاراڭلىق قىلىش ۋە يۈزگە زىننەت بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشى نورمال بولغاندىلا ئىنسانلار ھەرخىل پۇراقلارنى توغرا ھېس قىلالايدۇ . بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشى نورمال ۋە كېسەللىكلەردىن خالى بولغاندىلا ئىنسانلار مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا نورمال نەپەسلىنىش ، ئاۋازى جاراڭلىق بولۇشتەك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولالايدۇ . شۇڭا تىبابىتىمىز بۇرۇننىڭ سىرتى ۋە ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن كېسەللىكلىرى ھەمدە ئۇلاردىكى مىزاجلىق ، مىزاجسىز ئۆزگىرىشلەر ۋە سىرتقى زەخمىدىن بولغان كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبى ، ئالامىتى ، داۋاسى ( ئىچكى ۋە تاشقى داۋاسى ، دەستىكارلىق ئۇسۇللىرى ) ، پەرھىزى ، ئوزۇقلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ .
بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى توغرا تەشخس قىلىش ھەمدە ئۇلارنى خاس مىللىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ .
    بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى توغرا تەشخىس قىلىش ھەمدە ئۇارنى توغرا داۋالاپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button