بۇرۇن قاناش
بۇرۇن قاناش ( رۇئاف) كۆپىنچە ئۇشتۇمتۇت قانىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بەزىلەرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تەكرار داۋاملىشىدۇ.
سەۋەبى:
1. ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قارا كېزىك، سەرسام ( مېڭە پەردە ياللۇغى )، زاتىررىيە، قىزىل، بوغما، ئېغىر زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بۆھران كۈنلىرىدە تەبىئەت ( بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ) كۈچلۈك كېلىپ كېسەلنى يەڭگىگەنلىكتىن بۇرۇن قانايدۇ. ئىسسىق ( ئاپتاپ ) ئۆتۈشتىنمۇ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ.
2. ئومۇمىي بەدەندە ئىچكى- تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سەپرا ماددىسى غالىپ كېلىپ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان- تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلقىدىن بۇرۇن قانايتدۇ.
3. مېڭىنى تېگىدىكى قان تومۇرلار چىڭقىلىپ يېرىلىش، ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قانايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بەزى كىشىلەردە بۇرۇنغا بىر نەرسە تېگىش، يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى تومۇرلار زەخمىلىنىپ بۇرۇن قانايدۇ.
زەھەرلىك يىلانلار چاققاندىمۇ قان سۇيۇلۇپ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ.
جىگەر قاتارلىق قان ھاسىل قىلغۇچە ئەزالارنىڭ خىزمىتى ناچارلاشقاندا، بۆرەك كېسەللىكلىرىدە، بۆرەك كېسەللىكلىرىدە، قان- تومۇرلىرىنىڭ خىزمىتى ناچار كېشىلەر يۈگۈرگەندە ۋە سەكرىگەندىمۇ بۇرۇن قانايدۇ.
بۇرۇننى بارماق بىلەن كولاپ ئۇششاق تومۇرلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويسىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. پىشانە ئاستىدىكى سۆڭەك سۇنغاندىمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالامىتى: ئۆتكۈر يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بوھران كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن بۇرۇن قاناشقا، بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ، قويۇق قارامتۇل قان كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىماردا تەرلەش، ئىچ سۈرۈش، قىزىتما چۈشۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
1.بۇرۇن قانىغان مەزگىلدە كېزىك، قاتتىق زۇكام، ئاپتاپ ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر كۆرۈلسە ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بەدەن قىزىش، باغ ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار.
2. سەپرا ماددىسىنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، سەپرا غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇندىن چىققان قان سۇيۇق، سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، قان تەسلىكتە توختايدۇ. قاناش ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. چىرايى ساغرىيدۇ، تىل گېزى سېرىق، تومۇرى تېز، ئىنچىكە بولىدۇ.
3. مېڭە قان- تومۇرلىرلارنىڭ يېرىلىشىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئاۋۋال باش قاتتىق ئاغرىيدۇ. يۈز- كۆزى قىزىرىدۇ. بۇرۇندىن قان جىرتىلداپ چىقىدۇ. چىققان قان سۇيۇق، ساپ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. پات- پات قانىسا، چىققان قان ئىسسىق بولسا شىريان تومۇرنىڭ يېرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن زەخمىلەنگەنلىكتىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، باش ئايلىنىش، سەكتە، سۇبات كېسەللىكلىرىدىكىگە ئوخشاش مېڭە سىلكىنىش، مېڭە خىزمىتى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
زەھەرلىك يىلان چاققاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، زەھەرلىك يىلان چاققانلىق تارىخى بولىدۇ ھەمدە زەھەرلىك يىلان چاققاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاشقاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئىلگىرى شۇ ئەزالار ئاجىزلاشقانغا دائىر ئالامەتلەر بولغان بولىدۇ ۋە باشقىلار…
داۋاسى:
1. بوھراننىڭ تەسىرىدىن بۇرۇن قانىغاندا قاننى توختىتىشقا چارە قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ ياكى قايتا تەكرەرلانمايدۇ. بۇ خىلدىكى بۇرۇن قاناش بۆھراننى كەلتۈرۈپ، كېسەللىكلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تومۇردىن قان ئېلىشنىڭ رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. لېكىن قاناش بەك ئېغىر دەرىجىدە بولسا مۇۋاپىق چارە قىلىش لازىم.
2. سەپرا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا، قاننىڭ تېزلىكى ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىپ نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال باشنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش، باشمالتاق بىلەن يۇقىرىقى كالپۇكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنى بېسىش، يۇقىرى بىلەكنى بوغۇش، ئىككى قۇلاقنى ئۇۋۇلاش، ئىككى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ھەمدە چىلان شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى، زىرشىك شەربىتى، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى شاھتەررە، رىباس شەربىتى قاتارلىقلارنى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەغەزنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى ياكى ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تىقىش لازىم.
10 گرام زەمچىنى سوقۇپ 100 گرام سىركە بىلەن قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ بۇرۇنغا تېمىتىش لازىم.
گىل ئەرمىنىدىن ئۈچ گرام، نىشاستىدىن ئۈچ گرام، كافۇردىن بىر گرام ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ ياكى پەلكۈچنى تۇخۇم ئېقىغا مىلاپ، ئاندىن يۇقىرىقى تالقانلارنى يۇقتۇرۇپ، بۇرۇننىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. سەندەل، كافۇرلارنى گۇلابتا سۈرۈپ ياكى ئېزىپ پېشانىغا چاپسىمۇ بولىدۇ.
بادرۇج ( تاغ رەيھىنى ) نىڭ سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. باش ئارقىسىدىىك چوڭقۇرچاققا لوڭقا قويۇشنىڭمۇ بۇرۇن قاناشنى توختىتىش ئۈچۈن پايدىسى بار. بەزىدە ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا جىگەر ساھەسىگە، سول بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا تال ساھەسىگە لوڭقا قويسىمۇ بولىدۇ.
كېسەلنىڭ بېشىنى ئېگىزرەك قىلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، پىشانىسىگە سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قويۇپ، پات- پات يەڭگۈشلەپ تۇرۇش لازىم.
ئەگەر بۇرۇن قاناش ياخشى بولماي ئۇزۇنغا سوزۇلسا، قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گىل ئەرمىنى، نىشاستىدىن باراۋەر ئېلىپ، بىر ئاز كافۇر قوشۇپ، سىركە بىلەن خېمىر قىلىپ، چېكىگە بىر قانچە قېتىم تېڭىش كېرەك.
3. مېڭە تومۇرلىرى يېرىلىشتىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا زاك، زەنگار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلسە بەك ئېھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار قۇرۇق چاقا پەيدا قىلىدۇ. مەزكۇر چاقىلار سويۇلۇپ كەتسە، تېخىمۇ كۆپرەك قاناشقا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.
موزا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تۈگمەن توزۇندىسى، كۇندۇر، سەبرە، خۇنسىياۋشان، زەمچە قاتارلىق دورىلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ، لازىم بولغاندا پاختىنى تۇخۇم ئېقىغا چىلاپ تالقاننى يۇقتۇرۇ، بۇرۇن تۆشۈكىگە قاپلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە مەزكۇر تالقاننى نەيچە ئارقىلىق بۇرۇن ئىچىگە پۈركىسىمۇ قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىمارنى جىم ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، پېشانىسىغا مۇز تېكىش، باشقا سوغۇق سۇ قويۇش كېرەك.
ئومۇمەن: بۇرۇن قاناش دورىلار بىلەن توختىمىسا ۋە قان جىق چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا بىلەكنى قولتۇقتىن، چوڭ يوتىنى يېرىقتىن چىڭ بۇغۇپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى قان بوغۇلغان تەرەپكە تارتىلىپ بۇرۇن قاناشنىڭ توختىشىغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ. لېكىن قولنى قولتۇقتىن، يوتىنى يىرىقتىن بوغقاندا قالغان جايلارنى ئوچۇق قالدۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي قول ۋە يوتىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ماتا بىلەن يۆگەپ تاشلىسا قول، پۇت ئۇچلىرىدىكى قاننى سىقىپ ئومۇمىي بەدەندە ئايلىنىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇرۇن قاناشنى توختىتىشقا ئىنتايىن پايدىسىز. يەنە شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، بوغۇلغان جاينى پات- پات بوشىتىپ، تەكرار بوغۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پۇت- قول ئۇچلىرىغا قان يېتىشمەي گۆشلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.