بۇرۇن سېسىق پۇراش
بۇرۇن سېسىق پۇراش (بەخرۇلئەنفى) بەزى كىشىلەر تىنغاندا بۇرۇندىن سېسىق پۇراق چىققانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى :
پىشمىغان بەلغەم ماددىسى ياكى غەيرىي تەبىئىي خۇن بۇرۇن ئىچىدىكى قان تومۇرلىرىدا ياكى شىللىق پەردىلەردە توختاپ قىلىپ، ئوقۇنەت ھاسىل قىلىش بىلەن تەدرىجىي ھالدا دىماقتىن سېسىق پۇراق كىلىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە بۇرۇن ئىچىگە بوۋاسىر پەيدا بولۇپ ياكى ھەر خىل چاقىلار چىقىپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ئوقۇنەت ھاسىل قىلىش بىلەن دىماق سېسىق پۇرايدۇ. بەزى كىشىلەردە ئاتىشەك كېسىلىنىڭ يېلى بۇرۇن ئىچىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۇزۇنغا سوزۇلسا، تەدرىجىي ھالدا سېسىق پۇراشقا سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە چاشقان يارىسى، ئۆپكە سىلى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بۇخارلىرى تىنىق يوللار ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ سېسىق پۇراشنى كەلتۈرىدۇ.
ئالامىتى :
بىمار تىنغاندا بۇرۇندىن سېسىق پۇراق چىقىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىگە بىلىنمەي ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئاسانلا سېزىلىدۇ. بىمارنىڭ بۇرۇن ئىچى قۇرۇپ، دىمىقى چىڭقىلىپ تىنىقى بىر نەرسە توسالغاندەك سىقىلىپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ بۇرۇن ئىچىگە ئازراق چاقا چىقىپ، بۇرۇن سىرتىغا ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ قىزىرىپ قالىدۇ.
داۋاسى :
ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ۋە ئوقۇنەت پەيدا قىلغان خىلىتنى ئېنىقلاش كېرەك. خىلىتتىن پەيدا بولغان بولسا ئۇنى پىشۇرۇش، تازىلاش ئارقىلىق نورماللاشتۇرۇش كېرەك. پىشۇرۇپ تازىلاش، تەڭشەش ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، ھەببى ئىيارەج، جەۋارىش مىشىكى، سىركەنجىيىن بۇزۇرى قاتارلىق دورىلارنى بىرىش ھەمدە ئۇزاق مۇددەت شارابى رەيھان ئىستېمال قىلدۇررۇش كېرەك .
سىرتىدىن سۇنبۇل، قەلەمفۇر، قىزىل گۈلەرنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، بۇرۇنغا تارتىش ياكى ئازراق پاختىدىن پىلتىكۈچ ياساپ تۇخۇم ئېقىغا چىلاپ ئۇنى مەزكۇر دورىلارغا يۇقتۇرۇپ ئەتىگەن ئاخشامدا بۇرۇنغا تىقىپ قويۇش كېرەك. شارابى رەيھان بىلەن بۇرۇننى چايقاش ياكى رەيھان، سۇنبۇل، سەئىدى كوفى، ئۇدى ھىندى، ئاق سەندەل قاتارلىق دورىلارنى يەككە ھالەتتە ياكى ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ سۈيى بىلەن كۈندە ئۈچ قېتىم بۇرۇننى چايقاش ياكى بۇ دورىلارنىڭ قاينىتىلغان ھورىغا بۇرۇننى قايتا- قايتا تۇتۇپ تەرلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا بىلسان يېغى، زەيتۇن يېغى، گۈل يېغى قاتارلىق ياغلارغا ئاز مىقتاردا كافۇر قوشۇپ ئەتىگەن ئاخشامدا بۇرۇننى ياغلاش كېرەك.