بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۇرۇن ئېچىشىش

بۇرۇن ئېچىشىش ( ھىرقەتۇلئەنفى) بۇرۇننىڭ ھەرخىل ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېچىشقانلىقى ھەتتا كۈيۈشكەندەك بولغانلىقىغا قارىتىلغان.
   سەۋەبى:
    1.مىزاجنىڭ تەبئىي ھالەتتىن غەيرىي تەبئىي ھالەتكە ئۆزگىرىپ، بۇرۇنغا يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا مىزاجنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى ئاساسلىق سەۋەب بولىدۇ.
    2.بۇرۇن مىزاجى ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بۇزۇلۇپ، بۇرۇن ئېچىشىش، كۆيۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا ھارارەت مېڭىگە قاراپ ئۆلگۈرلىگەن بولىدۇ.
    3.زۇكام بولغاندىمۇ سۇيۇقلۇقلار بۇرۇندىن ئېقىپ بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئۆتكۈر خېلىتلار مېڭىگە يىغىلىپ قالىدۇ – دە، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە باش تېرىسىدىكى مەسام ( تۆشۈك ) لەر توسۇلۇپ قېلىپ، بۇزۇق ئارتۇق ماددىلار تەتۈرگە يانىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن يولىدا ئېچىشىش يۈز بېرىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا يەنە، بۇرۇنغا بۇرۇننى غىدىقلىغۇچى دورىلارنى تېمىتىش، بۇرۇنغا تۇيۇقسىز سوغۇق ھاۋا تەسىر قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ بۇرۇن ئېچىشىدۇ. بۇ ئۆتكۈر ئىسسىق بۇخاراتنىڭ مېڭىگە يۆتكىلىپ يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى بۇ خىل بۇخارات بۇزۇق بۇخاراتتۇر.
    ئالامىتى:
   1. مىزاجنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن سىرت، بۇرۇن دائىم ئېچىشىدۇ ھەتتا كۆيۈشكەندەك بولىدۇ. كۆزدىن ياش ئاقىدۇ.
    2. يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن سىرت، بۇرۇندا ئىششىق ۋە ياللۇغلىنىش بولىدۇ. ھەم قىزىغاندەك بىلىنىدۇ.
   3. زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنى بۇرۇنغا غىدىقلىغۇچى دورا تېمىتقان ۋە دائىم سۇغۇق ھاۋاغا ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.
    داۋاسى: 1. پاكىز رەختنى سەندەل چىلىغان قىزىلگۈل ئەرقىدە ھۆل قىلىپ بۇرۇننى سۈرتۈش، بۇرۇنغا گۈل يېغىنى نېلۇپەر يېغى ياكى ئەرقى گۈل بىلەن بىرلىكتە تېمىتىش ياكى قاپاق يېغىنى قىز تۇغقان ئايال سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېمىتىش كېرەل. سەندەل، گۈل ئەرقى، نېلۇپەر، كافۇرلارنى بۇرۇنغا پۇرىتىش كېرەك.
    2. بۇرۇننىڭ مىزاجىنى تەڭشەشكە ئامال قىلىش، يەنى سۇۋۇتقۇچى، ھارارەتنى پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن گۈل يېغىغا نېلۇپەر يېغى ياكى ئەرقى گۈل قوشۇپ بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ. سەندەلنى گۈل ئەرقىگە چىلاپ، تەمى چىقىرىلغان دورا سۇيۇقلۇقىدا پاكىز رەختنى ھۆل قىلىپ بۇرۇنغا قويۇش كېرەك. ئەگەر ھارارەت مېڭىگە قاراپ ئۆرلىگەن بولسا، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى سېلىنغان نېلۇپەر يېغى ياكى گۈل ئەرقى قوشۇلغان گۈل يېغىنى بۇرۇنغا تېمىتىش كېرەك. يەككە دورىلاردىن سەندەل، كافۇر، نېلوپەر، قاپاق ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، خەشخاش قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى تېپىلسا شۇنى پۇرىتىش كېرەك.
    3. زۇكامنى ئاكتىپ داۋالاش ساقايتىش كېرەك. زۇكام ساقايسە بۇرۇن ئېچىشىشمۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بۇرۇنغا غىدىقلىغۇچى دورىلارنى تېمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدىن بولغان بۇرۇن ئېچىشىشنى داۋالاشتا، يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق مىزاقىنى تەڭشەش كېرەك. ئەگەر بەدەن بەرداشلىق بېرەلىسە ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش ئۈچۈن ئىستىغراغ كېرەك. ئەگەر ئاجىز بولسا ياكى بەدەننى تازىلاشقا شارائىت بولمىسا، ئۆرۈك سۈيىنى ئىچكۈزۈش ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ مېڭە ۋە جىگەرنىڭ مىزاجىغىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button