بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۇرۇن ئىچى ئۇششاق مۇدۇرى

    بۇرۇن ئىچىگە ئۇششاق مۇدۇر چىقىش ( بۇسۇرۇلئەنفى ) بۇرۇن ئىچىگە باشقا ئەزالاردا پەيدا بولغانغا ئوخشاش ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان.
   سەۋەبى: بىرەر خىلىتنىڭ غەيرىي تەبئىي ئۆزەىرىشى تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان ئارتۇقچە ماددىلار بۇرۇنغا يامان تەسىر قىلىپ، بۇرۇن ئىچىگە مۇدۇر چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇدۇرلارنىڭ يۇمشاق بولغانلىرى ئىچكى ھارارەت تۈپەيلىدىن قېتىشىدۇ. بەزى كىشىلەردە دائىم بۇزۇق ھاۋا نەپەس ئالغانلىقتىن، بۇرۇن ئىچى جاراسىملىنىپ ئوفۇنەتلىنىپ ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ.

    ئالامىتى: مۇدۇرلار ئىسسىقتىن بولسا مۇدۇرنىڭ رەڭگى قىزىل بوىلدۇ. كۆيۈشۈپ، قىزىپ، لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ. بەزىدە بۇرۇن قىزىرىپ ئىششىيدۇ. نەپەسلىنىش سەل دەخلىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە بۇرۇندىن كېلىدىغان سۇيۇقلۇقلارمۇ  دەخلىگە ئۇچرايدۇ ياكى ئازىيىدۇ. قىزىتما پەيدا بولىدۇ. تومۇرى تېز، كۈچلۈك سالىدۇ. سۈيدۈكى قىزىل كېلىدۇ.
    ئەگەر مۇدۇرلار سوغۇقتىن پەيدا بولسا، قىزىق ئانچە ئېغىر بولمايدۇ. ئىششىق كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ. تومۇرى چوڭ، بوش سالىدۇ، سۈيدۈكىمۇ ئانچە سارغايمايدۇ ھەمدە سوغۇقتىن بولغان ئىششىققا دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

   داۋاسى: قايسسى ماددىدىن بولغان بولسا، شۇ ماددىنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن پىشۇرۇش، تازىلاش ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش كېرەك ھەمدە مامىرانچىندىن ئازراق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، بۇرۇننى چايقاش، بۇرۇن ئىچىگە گۈل يېغى تېمىتىش، مەلھىمى ئەبيەز، رەۋغىنى ۋەرد، مەلھىمى نۇر قاتارلىق دورىلارنى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىش لازىم.
   لۆڭگىنى قايناق سۇغا بېسىپ قىزىق پېتى بۇرۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئىسسىق سۇ بىلەن بۇرۇننى چايقاش لازىم. بۇرۇندىكى مۇدۇرلارنى قول بىلەن ھەرگىزمۇ قالايمىقان سىقماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا جاراسىملار ئوفۇنەتلىنىپ، قان تومۇرلار ئارقىلىق رەئىس ئەزا مېڭىەە تارقاپ، ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button