پۇت-قول كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

ئۇستىخان بوشىشىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئۇستىخان بوشاش كېسەللىكى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلگە ئايلاندى، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى دائىملىق كېسەللەر، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىغا سەكرەپ ئۆتۈپ 7- ئورۇندا تۇردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: ئۇستىخان بوشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، داۋالىغىلىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بالدۇرراق تۇتۇش قىلىش كېرەك.

  ئۇستىخان بوشىشىش كېسەللىكى بولسا ئۇستىخان بۇرۇنقىدەك ئۇنداق چىڭ بولماي، خۇددى قۇرۇپ قالغان دەرەخ شېخىدەك قۇرۇپ، ئاجىزلىشىپ ئاسانلا سۇنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك دەسلەپكى باسقۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت سېزىلمەيدۇ، سۆڭەك سۇنغاندىلا ئاندىن ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇستىخان بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئۇستىخان بوشىشىش كېسەللىكىنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى بولسا سۆڭەكنىڭ ئوڭايلا سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇستىخان بوشىشىش كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ياشانغانلاردىكى كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى %30 تىن يۇقىرى.

  ئۇستىخان بوشىشىش نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسانلا ئۇستىخان بوشىشىش كېسىلى يۈز بېرىدۇ، ئېرسىيەت، يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇستىخان بوشىشىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل. بىراق ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كالتسىينىڭ كەم بولۇش كۆپچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئامىل. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇستىخان بوشىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ياش مەزگىلىدىلا ياخشى بولغان ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  خېبىي بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى جاڭ ليۇ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتا ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرۈشتە، كالتىسىي ۋە ئاقسىلنى قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەيلى قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىشنى كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر ئۇستىخان بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەقىقىي تۈردە داۋالىتىش كېرەك. يەككە ھالدا كالتىسىي تولۇقلاش ۋە ۋېتامىن D نى تولۇقلاش ئارقىلىقلا ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇستىخان بوشىشىشنى داۋالىغىلى بولمايدۇ، كەسپىي دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا دورا ئارقىلىق ئۇستىخان بوشىشىشنى داۋالاش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button