ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ سۇنۇقى
ئوقۇرەك سۈڭىكى كۆپىنچە ئادەم يىقىلغاندا ئالىقان ياكى جەينەك، ئۇنىڭدىن قالسا مۈرە بالدۇر يەرگە تېگىش ياكى مۈرىگە بىۋاسىتە زەربە تېگىشتىن پەيدا بولىدۇ. كۆپىنچە ئوقۇرەك سۆڭىكىنىڭ سىرتقى تەرىپى، ئۇنىڭدىن قالسا ئوتتۇرىسىنىڭ كەسمە سۇنۇقى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. سۇنغان ئورۇن ئاغرىيدۇ، ئىششىيدۇ ۋە سۈڭەكنىڭ سۇنغان ئورنى بىلەن سۇنۇقنىڭ ئورنىدىن قوزغالغانلىق ئەھۋالىنى قول بىلەن تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ.
ئوقۇرەك سۆڭەك سۇنۇقىنى داۋالاشتا، يارىدارنى يۆلەنچۈكى يوق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، تېڭىقچى بىر پۇتىنى ئورۇندۇققا قويۇپ، تىزىنى يارىدارنىڭ ئىككى تاغاق ئوتتۇرىسىغا تىرەپ ئالدى تەرەپكە ئىتتىرىدۇ. ئىككى قولنى يارىدارنىڭ ئوڭ ۋە سول مۇرىسىگە قويۇپ ئالدى تەرىپىگە تارتىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ، يارىدار كۆكرىكىنى ئالدىغا چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرىلىدۇ. مۇشۇ ھەرىكەتلەر توغرا ئېلىپ بىرىلسا ئورۇندىن قوزغىلىپ ئۆتۈشكەن سۈڭەك ئۇچى ئارقىسىغا يانىدۇ ۋە باش بارماق ياردىمى بىلەن سۇنغان سۈڭەكنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھىملاشتۇرىدۇ ۋە تىزى بىلەن ئىتتىرىپ مۈرىسىنى ئارقىغا تارتىش مەشغۇلىيىتى توختىتىلىدۇ. بەزىدە ئاساسەن ئۇدۇللاشسىلا بولدى قىلسىمۇ بولىدۇ. سۇنۇقنىڭ تۇتىشىنى تېزلىتىدىغان سۈركەلمىلەرنى سۈركىگەندىن كېيىن، ئىككى قولتۇققا قېلىن پاختا قويۇپ كۆكرەكنى ئالدىغا چىقارغان قىياپىتى بىلەن ئىككى مۈرىنىڭ سىرتقى تەرىپىدىن گىرەلەشتۈرۈپ قوش چەمبىرەك شەكلىدە تېڭىلىدۇ.
سۇنۇق ئۇچىنىڭ قايتا ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۇنغان تەرەپ يەلكە گەۋدىگە يېقىنلاشتۇرۇپ تېڭىپ قويۇلىدۇ. ئوقۇرەك سۈڭەكنى تېڭىشتا تارشا ياكى تاختاي قويۇلمايدۇ. سۇنۇقنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدىغان سۈركەلمىلەرنى يەرلىك ئورۇندىكى تېرە بىلەن تېڭىق ماتىريالىنىڭ سۇنۇق ئۈستىدە تۇرىدىغان قىسمىغىلا قېلىنراق سۈركەلسە بولىدۇ.