سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

گەجسىمان بەلغەم خېلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بوغوم ياللۇغى

1)    دىئالىكتىك ئانالىزى:

ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كۆپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، قۇسۇش ، ئىچى سۇرۇش ، كوپ تەرلەش سەۋەبىدىن كوپ سۇ يۇقۇتۇش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى ، بەلغەم خىلىتىنىڭ يوقىرى ھاراەت تەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سۇيۇق ھالىتىدىن غەيرى تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگىرىپ، قۇيۇلۇپ، گەجگە ئوخشاش ھالەتكە كىلىپ قىلىشى بولوپ، بۇ خىل غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىت يانپاش بوغۇمىغا تەسىر قىلغاندا، يانپاش بوغۇم سۇيۇقلۇقلىنى قويۇلدۇرۇپ، بوغوم ئارلىقلىرىغا ئولتۇرشۇپ بۇزۇق ماددىلارنىڭ چىقىرلىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ، ھەمدە بوغۇم بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ، ئەتراپدىكى توقولمىلارنى تەكرار غىدىقلاپ يەرلىك ئوروندا كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ .

2)   ئالامىتى:

تومۇرى ئىنچىكە ، ئاستا ، قاتتىق سالىدۇ ، كوز ئىقى ، تىل گىزى قارامتۇل كوكوش ، كىچىك تەرەت رەڭگى كۈكۈش بۇلىدۇ، قادىلىپ، تېلىپ ئاغرىش بۇلۇپ، ھەركەتلەندۇرگەندە زىيادە كۇچىيدۇ، يانپاش بۇغۇمىنى قېلىن مۇسكۇل قاتلىمى ئوراپ تۇغان بولغاچقا تاشقى كۈرىنىشتە ئىششىق بولمايدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

3)    مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:

دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى10-20 كۇن بىرىلىدۇ .

ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .

ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋلاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار

مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.

ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە: توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ،ئەبرىشىم دانچىسى.

ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر، نارپىننە ئىچىملىكى ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.

ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .

ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ، قۇرسى داۋائىل مىشكى ،ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىك، ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ.

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

سۇپۇپى سورونجان كۇندە 2 قىتىم ،تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرام سوغوق قايناق بىلەن ياكى ئەرقى شوخلا ، ئەرقى چوبىچىن بىلەن بىرىلىدۇ.

مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button