موزا تەملىك خېلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل
دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇق سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .
موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى، بەلغەم خىلىتىغا قۇيۇق سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق سۇغۇق بۇلۇپ بۇزۇق ماددىلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشنى تىزلىتىش، يېپىشقاقلىقىقنى ئاشۇرۇش، ماددا ئالمىشىنى نىسپەتەن ئاستىلىتىش تەسىرىگە ئىگە، بۇ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ قۇرۇق سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، ماددا ئالمىششنى سۇسلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە چوڭ بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملارنىڭ ماددا ئالمىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ ۋاقتىدا يىڭىلىنىپ تۇرۇشىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيالدۇرىدۇ، بۇ قۇيالغان بۇغۇم سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يىغىلىپ بۇغۇم بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەرنى غىدىقلاپ، ياللۇغلاندۇرۇپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.