سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

كىچىك بوغۇلار ئاغرىقى ( نۇقرەس) كېسەللىكى

1.      تونۇش :

نۇقرەس كېسەللىكى ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى كۆپرەك ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھەرخىل سەۋەبلەردىن پۇت ۋە قول بارماقلىرىدىكى كېچىك بوغۇملارنىڭ بىرىكتۇرگۇچى توقۇلمىلىرى ۋە پەي تارامۇشلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا كىچىك بوغۇملار ئىشىش، ئاغرىش، غەيرى شەكىلگە كېرىپ قىلىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك جاھىل، سوزۇلما، داۋالاشنى تەستە قۇبۇل قىلىدىغان، داۋالاش ئۇنۇمى توۋەن بولغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك .

نۇقرەس كىسەللىكى سوزولما خاراكتىرلىك پۇتۇن بەدەن ياللۇغلىنىشلىق كىسەللىك ئوزگىرىش بولوپ ، سوزولما ھالەتتىكى كوپ ئورونلوق سىلىق پەردە ، بىرىكتۇرگۇچى پەردە ئوفۇنەتلىنىش ۋە بوغوم سىرتىدىكى كىسەللىك ئوزگىرشىنى ئاساسلىق كىلنىك ئالامەت قىلغان ، ئوز بەدەنلىك ئىممۇنىتلىق ئوفۇنەتلىنىشكە تەۋە بولغان كىسەللىك ئوزگىرشى بولوپ، ئاساسلىق، بىغىش ۋە قول پۇتنىڭ كىچىك بوغوملىرىدا كوپ ئۇچرايدىغان ، تەكرار قوزغولوشچان ، دەسلەپكى مەزگىلدە بوغوملار قىززىرىپ ئىشىش ، ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ئاخىرقى مەزگىلىدە بوغوملاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاتتىقلىشىش ، شەكلى ئوزگىرىش ، مۇسكۇللار يىگلەش ھەتتا مىيىپلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان كىسەللىك ئوزگىرىش .

2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :

ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:

1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :

نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.

2)   تىپىك كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن:

ئوتكور بوغوم ياللۇغىنىڭ كىسەللىك تەرەققىياتى تىز ھەمدە ئوتكۇر بولىدۇ ، تىپىك كىلنىك ئالامىتىدىن كىسەللەنگەن بوغوملار كۇچلۇك ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركەت قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىقتىن سىرىت ئومومى بەدەن قىززىش ، ئۇسساش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىرش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، كىچىك تەرەت نىسپەتەن ئاز ، رەڭگى سىرىق كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ ، ۋاختىدا داۋالىنىش ئىلىپ بارماسلىق ياكى خاتا داۋالىنىش سەۋەبىدىن تىزلا سوزولما ھالەتكە ئوتوپ كىتىدۇ . سوزولما ھالەتتىكى تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .

3) قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

  WBC , C-RP, RF ,ESR دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، خالتىلىق ئوزگىرىش بولوش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .

3.    كىلىنكىلىق دەرىجىگە ئايرىش

1 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ، RF ، WBC, C-RP , ESR سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .

2 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق   RF (+) دىن يۇقۇر بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن سەل يۇقۇرلاش ياكى نورمال بولوش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .

3 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى يەڭگىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش RF   (++) بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .

4 – دەرىجە : كىچىك بوغوملار ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىش ، ھەركەتلەندۇرگەندە كۆرىنەرلىك سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى) بولۇش، غەيرىلىك شەكىللىنىش،. ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش RF (++) دىن يۇقۇر بولوش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە ئېغىر دەرىجىدىكى سۇڭەك ئۈسۈكچىسى پەيدا بولۇش، بوغۇم ئارلىقى تارىيىش تېخىمۇ ئېىنىق بولۇش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ئىنتايىن روشەن بولۇش، بوغۇم يۇغانلىشىپ روشەن غەيرىلىك شەكىللىنىش بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .بوغومغا سۇ يىغىلىش ، ئوسوكچە شەكىللىنىش .

4.    خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش

كىسەللىك خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .

ئوتكۇر نۇقرەس : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.

سوزولما نۇقرەس : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .

5.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :

1)     قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

2)    كۆيگەن سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ

3)     شورلۇق بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

4)    تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس

5)     موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

6)    گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

7)     تۇخۇم سېرىق رەڭلىك سەپرا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

8)     غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

9)     ئىرسىيەت تەسىردىن كىلىپ چىققان نۇقرەس .

5. داۋالاش پىرىنسىپى :

ئوتكور نۇقرەسنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى :

(1) مىزاجنى تەڭشەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(2) ماس كەلگەن فىزىكىلىق داۋالاشلار تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

(3) ھەزىمنى كۇچەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(4) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

سوزولما نۇقرەسنىڭ داۋالاش پىرىنىسپى:

(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.

(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى – سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button