شورلۇق بەلغەم خېلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس

1) دىئالىكتىك ئانالىزى
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك –ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، ئىسسىق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .
شورلۇق بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا يۇقىرى ھارارەتتىكى سەپىرا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق ئىسسققا مائىل، زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بار، بۇ تۇزلۇق بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق كىچىك بوغوملارغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملاردىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
2) ئالامىتى:
تومۇرى ئىنچىكە، تىز، يۈزە سالىدۇ. كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە سارغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ، قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك بۇغۇملار قىززىپ، ئېچىشىپ، كۈيۈشۈپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، ئششىغان بۇغۇم جىسمى قاتتىقراق بۇلىدۇ، بۇغۇملارنى ھەركەت قىلدۇرغانسىرى ئېچىشىپ ئاغىرىش كۈچىيىدۇ، تۇتقاندا قىززىقلىقى بارغانسىرى كۈچەيگەن بۇلىدۇ. سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ.
3) داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 7 – 15 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ،
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4 – 6 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
سەپرانىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ياللۇغ قايتۇرۇش ، سۇيدۇك ھەيدەش ، ئاغرى پەسەيتىش ،غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش، يۇرەكنى قوغداش كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ10-30 كۈن ئەتراپىدا تاللاپ بىرىلىدۇ.
ئەرقى كاسىنە، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى سەندەل،ئەرقى شوخلا ، ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن،ە قۇسى بىنەپشە،قۇرسى ئۆشبە، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى،قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ، نارپىننە ئىچىملىكى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .