سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى

تۇنۇش:

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى-بۇ كېسەل كۆپۇنچە ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنى ئۆز ۋاقتىدا جىددى ۋە توغرا داۋالاپ ساقايتماسلىقتىن، پەرھىز ياخشى تۇتالماي، دەم ئېلىش ناچار،ئۇزۇقلىنىش قالايمىقان بولۇش ھاراق-شاراپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

بەزى كىشىلەردە بۆرەكنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى روشەن بىلىنمەي بىۋاستە سوزۇلما ھالەتتە داۋام قىلىشىمۇ مۇمكىن، ھاراقنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىشلەردىمۇ بۇ خىل كېسەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. دائىم گېلى ئاغرىپ، بادامسىمان بەز ياللۇغلىنىدۇ، كىچىك بوغۇم ياللۇغىغا مۇپتىلا بولغان كىشىلەردە سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى كۆپ ئۇچرايدۇ.ئىنچىكە بەلدە سەل ئاغرىش بولىدۇ. تومۇرى سۇس سوقىدۇ، سۈيدۈك ئاق كېلىدۇ، بۆرەك ساھەسى سوغۇق بىلىنىدۇ. بىماردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقتەك بىلىنىشى مۇمكىن، بەزىلەردە بۆرەككە مۇناسىۋەتسىز بولغان ھەرخىل باشقا كېسەللىكلەر ئوڭايلا يۈز بېرىدۇ. كۇندىن-كۇنگە ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ، بۇرنى قانايدۇ، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشش قۇسۇش بولىدۇ، ئىششىق داۋاملىق بولمايدۇ.

ئالامىتى:

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپىنچە يۇشۇرۇن ھالەتتە ئاستا داۋاملىشىدۇ، بىماردا ماغدۇرسىزلىق، تېرە تاتىرىشش،ھەزىم بۇزۇلۇش، بەدەن ئاجىزلىشش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، سوغۇققا،جىسمانى ئەمگەككە ھەرخىك كېسەللىكلەرگە چىدامسىز بولۇپ قالىدۇ، ئازراقلا سوغۇق ئۆتسە بېلى ئاغرىپ سۈيدۈكتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئازراق ئەمگەك ياكى باشقا ھەركەت قىلسا قاپاقلىرى ھەتتا پۇتۇن بەدىنى ئىششىپ قالىدۇ. قورساقتا ئاز مىقداردا سۇ چۇشۇش بولىدۇ. قان بېسىمى داۋاملىق يۈقىرى تۇرىدۇ، ئۆزىگە بىلىنمىگە ھالدا سول يۈرەك قېرىنچىسى زورىيدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىل،قان ھۈجەيرىلىرى، سۈيدۈك يولى شىلىمشىق پەردىلىرىدىن چۇشكەن نەرسىلەر بولۇپ سۈيدۈكى قويۇپ قويۇلسا ئاستىغا چۆمە ئولتۇرۋالىدۇ.

بەزىلەردە يۈقۇرقىدەك ھالەتلەر بولماي ئۇزاققىچە ساق ئادەملەردەك ياشاپ تۇرۇپلا بۆرەك ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەدرىجى بوزۇلىشىغا ئەگىشىپ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، يۈقىرى قان بېسىم ياكى يۈرەك خىزمىتى بىراقلا ناچارلىشش تۈپەيلىدىن بىمارنىڭ ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئۆلۈپ قالىدۇ. يۈقىرقىدەك ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى بار بىمارلار مۇۋاپىق داۋالانمىسا پەرھىز قائىدىلەرگە ياخشى رىئايە قىلىپ، سوغۇق تىگىش،گال ئاغرىش،زۇكامدەك كېسەللىكلەردىن مۇداپىيە قىلىنسا ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

داۋالاش پىرىنسىپى

ئىششىق تارقىتىپ،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،يەڭگىل دەرىجىدىكى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ھەم بەلغەم ماددىسىنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىل بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:

تەركىۋى:كوممە قوناق ساقىلى 30گىرام،ئارپا قىلتىرىقى 6گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قايىنىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:سۈيدۈكىنى كۆپەيتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۈزۈلىدۇ.

2-رىتسىپ:

تەركىۋى:كۆك كاۋا شۆپىگى، كوممە قوناق ساقىلى 45گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:سۈيدۈك ھەيدەش

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈلىدۇ.

3-رىتسىپ:

تەركىۋى:چوڭ چىلان،قارا شىكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ئۈستىگە قارا شىكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:سۈيدۈك ھەيدەش،بەلغەم ماددىسىنى پىشۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچكۈزۈلىدۇ.

4-رىتسىپ:

تەركىۋى:ھەشقىپىچەك ئۇرىغى 120گىرام،ئارپا بەدىيان 30گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1قېتىم 6گىرامدىن يىگۈزۈلىدۇ.

5-رىتسىپ:

تەركىۋى:بىنەپشە،ئاق لەيلى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:ئىششىق تارقىتىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1-2قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچكۈزۈلىدۇ.

6-رىتسىپ:

تەركىۋى:ئارپا بەدىيان،كەرەپشە ئۇرىغى،كاسىنە ئۇرىغى،قىزىلگۈل، بادىرەنجى بۇيا،نىلۇفەر،بىنەپشە 12گىرامدىن،سانا 12گىرام،بىخسۇس 4گىرام، ئاق توربوت 7گىرام،ئۇرۇقسىز ئۇزۇم 50دانە،چىلان،سەرپىستان 15دانە، ئەنجۇر قېقى 6دانە،پۇنۇس 50گىرام،تەرەنجىۋىل 72گىرام.

تەييارلىنىشى:سانا،پۇنۇس،تەرەنجىۋىلدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۇزۇپ قالغان 3خىل دورىنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۇزۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەدەندىكى بۇزۇق ماددىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2-3قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچكۈزۈلىدۇ.

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش

1-رىتسىپ:بەلغەم ماددىسىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:رۇم بەدىيان 12گىرام،قۇستە شىرىن 7گىرام،رەۋەن 12گىرام،پىرسىياۋىشان 12گىرام،بىخسۇس 5گىرام.

تەييارلىنىشى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ياكى گۇلقەنىت قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەلغەم ماددىسىنى پىشۇرۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىچكۇزۈلىدۇ.

2-رىتسىپ:بەلغەم ماددىسىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:رۇم بادىيان 12گىرام،قۇستە شىرىن 7گىرام،رەۋەن 19گىرام، پىرسىياۋىشان 12گىرام،بىخسۇس 5گىرام،توربوت 7گىرام، سەبرى 15گىرام،تەرەنجىۋىل 60گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:تەرەنجىۋىلدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۇزۇپ تەرەنجىۋىلنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىپ سۇزىۋىتىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەدەندىكى پىشقان بەلغەم خىلتىنى سۇرۇپ چىقىرىش.

ئىشلىتش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

3-رىتسىپ:جاۋارىش زەر ئۇنى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

4-رىتسىپ:داۋائىلمىشىكى شىرىن بېرىلىدۇ.

.

تەركىۋى:تىشىلمىگەن مەرۋايىت،كەھرىۋا،بىخ مارجان،قىرقىلغان پىلە، زۆرۇنباد،دۇرۇنجى ئەقرەب،ئاق بەھمەن،قىزىل بەھمەن، سۇمبۇل،قاقىلە،قەلەمپۇر،سازەج ھىندى، ئۆشنە 16گىرامدىن،سەدەپ زەپەر 10گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى، ئىپار، پىلپىل، زەنجىۋىل 6گىرامدىن، ئالتۇن ۋەرەق،كۇمۇش ۋەرەق 50دانىدىن،ئەنبەر 3گىرام، ناۋات 60گىرام،ھەسەل 800مىللىلىتىر،ئانار شەربىتى،ئەبرىشىم شەربىتى 200مىللىلىتىردىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:مەرۋايىت،بىخ مارجان،سەدەپ،كەھرىۋا،زەپەر، ئىپار،ئەنبەر قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىنىدۇئباشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ ئانار شەربىتى،ئەبرىشىم شەربىتى،ھەسەل ناۋاتلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ قىيام قىلىپ، قىيام سۇۋۇغاندا ئالدى بىلەن ئالتۇن،كۇمۇش ۋەرەقلەر سېلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سالايە قىلىنغان دورىلار سېلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا باشقا تالقان دورىلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:يۈرەك،مەيدىنى قۇۋەتلەش،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، چىراينى گۈزەللەشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1قېتىم 5گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.

5-رىتسىپ:خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:گاۋزىبان 40گىرام،گۈلى گاۋزىبان 10گىرام،يۇمغاقسۇت 10گىرام، قىرقىلغان پىلە 10گىرام، قىزىل ۋە ئاق بەھمەن 10گىرامدىن، ئاق سەندەل،بادىرەنجىبۇيا،ئۇستىقۇددۇس،ئاق تۇدىرى، قىزىل تۇدىرى 10گىرامدىن، قەنىت 250گىرام،ھەسەل 500گىرام، ئەنبەر 2گىرام،ئەرقى گۈل 10مىللىلىتىر،ئالتۇن-كۇمۇش ۋەرەق 20دانىدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى 2كىلوگىرام سۇغا 24سائەت چىلاپ ئەتىسى قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۇزۇپ ئېلىپ قەنىت بىلەن ھەسەلنى قىيام قىلىپ ئاندىن كېيىن ئەرقى گۈل،ئەنبەرنى سېلىپ ئېرىتىپ ئاخىرىدا ئالتۇن-كۇمۇش ۋەرەقلەرنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:مېڭە،يۈرەكنى كۈچلەندۇرىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ،

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 3-7گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.

6-رىتسىپ:مەجۇنى خۇبسۇل ھەدىد بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:قارا ھەلىلە، بەلىلە، يۇلغۇن مېۋىسى ، زەھەرسىزلەندۇرۇلگەن تۆمۇر كۆيۈندىسى، سۇمبۇل، ئىزخىر،سەئىدى كۇفى، زەنجىۋىل،قارمۇچ،جۇۋىنا،كۇندۇر تەڭ مىقداردا، ھەسەل 3ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:بەدەننى كۈچەيتىدۇ، تۆمۇر كەملىك،كەم قانلىقنى تۇلۇقلايدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى،بۇۋاسىر،ئىشتىھاسىزلىقلارنى داۋالايدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۇرىدۇ، ئىچى سۇرۇشنى توختىتىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1قېتىم 6گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

7-رىتسىپ:مەجۇنى دەبدىلۋەرىد بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:سۇنبۇل،مەستىكى،زەپەر،تاباشىر،دارچىن،ئىزخىر،ئاسارۇن،تاتلىق قۇستە،غاپەس ئۇسارىسى،سېرىق ئوت ئۇرىغى،ئوردان،يۇيۇلغان لوك،كاسىنە ئۇرىغى،چىڭسەي ئۇرىغى،ئۇزۇنچاق زىراۋەندى، ھەببى بىلسان، قەلەمپۇر،لاچىندانە،ئۇد ھىندى 1ھەسسە.ئېقى كېسىپ تاشلانغان قىزىلگۈل 1ھەسسە،ھەسەل 3ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، سۇيدۇك ھەيدەيدۇ،ئىششىق ياندۇرىدۇ،جىگەر ۋە مەيدىنى قۇۋەتلەيدۇ، بۇ خاراتنىڭ دىماغقا ئۆرلىشىنى توسىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1قېتىم 7گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.

8-رىتسىپ:داۋائى كۇركۇم بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:زەپەر 3گىرام،ئاسارۇن ،ياۋالىدۇز ئۇرىغى،رۇم بەدىيان، پەتىر ئاسالىيۇن،رەۋەن 12گىرامدىن،سۇنبۇل 18گىرام، قۇستە،ئىزخىر چېچىكى،ھەببى بىلسان،سەلىخۇھەييە 3گىرامدىن،ئوردان 6گىرام، رۇبىسۇس ،جئىدە،مەستىكى،غاپەس 9گىرامدىن،بىلسان يېغى 5گىرام،مورمەككى 12گىرام،ھەسەل 3ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ بىلسان  يېغىدا ياغلاپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

شىپالىق رولى:توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، يەل تارقىتىدۇ، جىگەر،تال،بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ،

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1قېتىم 3گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.

9-رىتسىپ:مەجۇنى ئاساناسىياھ بېرىلىدۇ.

تەركىۋى:(بۆرەك ئاغرىش كېسەللىكىدە سۆزلەندى)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button