تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان تاپان بۇغۇم سۇڭەك ئۇسۇش كېسىلى
1) دىئالىكتىك ئانالىز :
تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەلغەم خىلىتىغا كۆپ مىقداردا سۇنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەبىئەت جەھەتتىىن زىيادە سۇغۇق، بۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ تاپان بۇغۇم سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەمدە بوغوم ئارلىقلرىغا كوپلەپ سىرغىپ چىقىپ ، بوغوم ئارلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى كوپەيتىۋىتىدۇ ،بۈ سۇيۇقلۇقلار ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تاپان سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ .
2) ئالامىتى :
بىمار خام سىمىز كىلىدۇ، بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپ،ئىغىزىدىن شۇلگەي ئاقىدۇ ، كۆز ئىقى ئاقۇش، تېلىدا ئاق گەز بۇلىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز، تۇمۇرى تۇم، ئاستا سالىدۇ، سۇيدۇك مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاقۇش كېلىدۇ، تاپان قىسمى ئاغرىش گەۋدىلىك بولىدۇ، كۆپۈنچە ھۆل-سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .
تاپان بۇغۇم ساھەسىى ئىغىر بۇلۇپ ، تىلىپ ئاغىرىيدۇ ، بۇلۇپمۇ ئەتتىگىنى ئۇرنىدىن تۇرغاندا ئاغىرىق كۇچلۇك بۇلىدۇ ، تاپان بۇغۇم ساھىسى سۇغۇق ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ ، تۇۋەنكى مۇچە ئاسان قۇلىشىدۇ .
3) داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10 – 15 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى3-5 كۈن ئەتراپىدا تاماقتىن كىيىن 1-3 تامچە بىدەنجىر مىيى تىمىتىلىپ ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى دورىلاردىن بىرسىنى تاللاپ مۇسھىل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قۇرسى لوخنزىيا ،قۇرسى مەنتىن ،قۇرسى ئايارەنجى ,قۇرسى ئايارەنجى پەيقىرا
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەل تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش مەخسەتتە :زىمادى سورونجان ياكى زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، ئەرقى چوبىچىن، ئەرقى بەدىيان ، قۇرسى سۆرۈنجان،ھەببى سۆرۈنجان ،قۇرسى يەھيا ، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى .
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن تاللاپ بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى ، قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە ئىچىملىكى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ھار ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ مەخسۇس تەييارلاپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ ياكى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ .
قاننى قىززىتىش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش مەخسەتتە توۋەندىكى پىششىق دورىلار بىرلىكتە تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى سوم ،ئىتتىرفىل ھامان، ھەببى بەرەس، مۇنزىچ بەرەس ، شەربىتى بەرەس ، داۋائىل مىشكى ، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ،قۇرسى نۇجاھ ، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى زەپە سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجنى زەپە كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىك غەلىز يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا مىۋە – چىۋە، سۇغۇق ئىچىملىك ، لازا- ئاچچىقسۇ دىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، كوك كەپتەر گوشى سۇيى ، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ – چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداشىتىن ، زىيادە تۇيۇنۇپ تاماق يىيىشتىن ، كوپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىدۇ.