بۆرەك يېرىڭلىق ئىششىقى
تۇنۇش:
بۆرەك يىرىڭلىق ئىششىقى-بۆرەك توقۇلمىلىرى ئىچىدە ئۇششاق يىرىڭلىق نۇقتىلار ياكى توپلاشقان يېرىڭ خالتىسى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
بۆرەك مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەئىپلىشپ،بۆرەككە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ ئۇلار جاراسىملار بىلەن يۇقۇملانغانغاندىن كېيىن يىرىڭداپ،يېرىڭلىق يارا شەكىللەندۇرىدۇ. بەزىدە بۆرەككە سىرىتتىن زەربە تىگىش،يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۆرەك زەخمىلىنىپ ئۇلار يۇقۇملىنىپ بۆرەكتە پەيدا بولغان يارىلا ئېغىرلىشش قاتارلىق ئامىللار بۆرەكتە كۆپ ئۇرۇندا ئۇششاق يېرىڭلىق خالتىلار ياكى چوڭراق كۆلەملىك يېرىڭلىق خالتا پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى:
بۇ كېسەللىكتە بۆرەكنىڭ ئۇدۇلىدا قۇۋۇرغىنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە ئاغرىقسىز ئېغىرلىق ۋە تېلىش بولىدۇ. بەل ۋە بۆرەك ساھەسى ئاغرىيدۇ. سۈيدۈك تەكشۇرگەندە سۈيدۈكتە يېرىڭ،قان،ئۇششاق گۆش پارچىلىرى تېپىلىدۇ. سۈيدۈك سېسىق بەدبۇي كېلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق ۋە كۆڭۈل ئېلىشش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك تامچىلاپ قان ئارىلاش كەلسە بۆرەكتىكى قان تۇمۇردىن بىرەرسىنىڭ ئۇزۇلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر تاشنىڭ قوزغۇلىشىدىن زەخمىلەنگەن بولسا سۈيدۈك قىچىشش ئارىلاش ئېچىشىپ كېلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
يېرىڭنى تازىلىغۇچى، ئىششىقنى قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، جاراھەت پۈتتۈرگۈچى،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،ئۇمۇمى بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلىگۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:
تەركىۋى:تاۋۇز ياكى قوغۇن ئۇرىغى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قايناقسۇغا چىلاپ شىرىسى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۇيدۇك ھەيدەش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
2-رىتسىپ:
تەركىۋى:تەرخەمەك ئۇرىغى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قايناقسۇدا دەملەپ شىرىسى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزىلىدۇ.
3-رىتسىپ:
تەركىۋى:نىشاستە،سەمىغى ئەرەبى،كەتىرا،قوغۇن ئۇرىغى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقىلىدۇ، قوغۇن ئۇرىغىنىڭ شىرىسى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش،سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىچكۇزىلىدۇ.
4-رىتسىپ:
تەركىۋى:تۈگە سۈتى ياكى ئات سۈتى.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
5-رىتسىپ:
تەركىۋى:چىڭسەي يىلتىزى پوستى، بادىيان يىلتىزى پوستى، ئىزخىر،بادىيان مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىلىشى:كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل قوشۇپ ئىچكۇزىلىدۇ.
6-رىتسىپ:
تەركىۋى:تاۋۇز ئۇرىغى،تەرخەمەك ئۇرىغى،قوغۇن ئۇرىغى،زىغىر شىرىسى مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ زىغىر شىرىسى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.
شىپالىق رولى:ھارارەت پەسەيتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل ياكى قەنىت قوشۇپ ئىچكۇزىلىدۇ.
7-رىتسىپ:
تەركىۋى:ئوغرى تىكەن،بابۇنە،پىرسىياۋىشان،ھەببۇلئاس مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئىششىق تارقىتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:دورا سۇيىدە ۋاننا قىلىنىدۇ.
8-رىتسىپ:
تەركىۋى:چىڭسەي ئۇرىغى،ئارپا بەدىيان،زۇفا تەڭ مىقتاردا، كۇندۇر 2ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:جاراھەت پۇتتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
9-رىتسىپ:
تەركىۋى:كەرەپشە ئۇرىغى،رۇم بەدىيان،ئارپا بەدىيان،زۇپا 6گىرامدىن،كۇندۇر 12گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:جاراھەت پۇتتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 2قېتىم 6گىرامدىن ،60گىرام ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ.
10رىتسىپ:
تەركىۋى:كاكىنەچ30گىرام،قاپاق ئۇرىغى 30گىرام،زىغىر 15گىرام،تەرخەمەك ئۇرىغى 15گىرام،ھۆلبە ئۇرىغى 15گىرام،ئەرەب يىلىمى 12گىرام،بوغا مۇڭگۇزى 12گىرام،ئۇستىقۇددۇس 7گىرام،بىنەپشە 6گىرام،نېلۇپەر 6گىرام،شىكەر مۇۋاپىق مىقتاردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 50گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:قۇرسى كاكىنەچ بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان بۇزۇلىشىدا سۆزلەندى)
2-رىتسىپ:قۇرسى تاباشىر بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(بۆرەك ئاجىزلىق كېسەللىكىدە سۆزلەندى)
3-رىتسىپ:ئەرقى شوخلا بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:شوخلا 1كىلوگىرام،سۇ 6لېتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى پارقازانغا سېلىپ قاينىتىپ 3لېتىر ئەرەق ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ياللۇغ قايتۇرۇش، سۇيدۇك ھەيدەش،قىزىتمىنى قايتۇرۇش ،تەشنالىقنى قاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
4-رىتسىپ:ئەرقى بەدىيان بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(بۆرەك ئاغرىش كېسەللىكىدە سۆزلەندى)
5-رىتسىپ:ئەرقى كاكىنەچ بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:كاكىنەچ 1كىلوگىرام،سۇ 5لېتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى پارقازانغا سېلىپ قاينىتىپ 3لېتىر ئەتراپىدا ئەرەق تارتىلىدۇ.
شىپالىق رولى:قاننى تازىلاش، نەپەسنى نورماللاشتۇرۇش ،سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
6-رىتسىپ:قۇرسى كەھرىۋا بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:كەھرىۋا 6گىرام،بىخ مارجان،ئاقاقىيا،كۇندۇر، خۇنسىياۋىشان 6گىرامدىن، ئاق مىڭدىۋانە 1گىرام، سەرتان ، كۆيدۇرۇلگەن تۇخۇم شاكىلى، مەستىكى 6گىرامدىن، نىشاستە 2گىرام، سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا 2گىرام،سېمىز ئوت ئۇرىغى 8گىرام،يۇمغاقسۇت ئۇرىغى، ھومماز ئۇرىغى 8گىرام،ئەپىيۇن 1گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:بىخ مارجان،سەرتان،كەھرىۋا قاتارلىقلارنى كۇشتە قىلىپ سوقۇپ قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئىسپىغۇلنى قايناق سۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ بارلىق تالقان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسپىغۇل شىرىسىدا يۇغۇرۇپ 0.5گىراملىقتىن قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:قان توختىتش،ئىچ سۇرۇشنى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 1قېتىم 2-6دانىدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
7-رىتسىپ:قۇرسى خەشخەش بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:قىزىلگۈل،سەمىغى ئەرەبى 12گىرامدىن، نىشاستە، بىخسۇس قىيامى، كەتىرا 6گىرامدىن،ئاق خەشخەش قارا خەشخەش9گىرامدىن،زەپەر 1.5گىرام،تاباشىر 15گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ خاس سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ تابلىت تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:جاراھەت پۈتتۈرۈش،ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1قېتىم 3-6گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بىمار ياخشى دەم ئېلىشى، ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىش،جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئاچچىق-چۇچۇك،غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ