بۆرەك تاش كېسەللىكى
تۇنۇش:
بۆرەك تاش كېسەللىكى-ھەرخىل سەۋەبلەردىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك قاتارلىق ئەزالاردا تاش پەيدا بولۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۆرەك جامى بوشلۇقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن سۈيدۈكلۈك،سۈيدۈكلۇك قانىلى، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
يۇقۇملىنىشلار،سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىلىرىدا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ ياللۇغلانغان ئورۇنداىن تۆكۈلۈپ چۇشكەن توقۇلمىلار ئۆز-ئارا كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
توسۇلۇش پەيدا بولۇش:توسۇلۇش سەۋەبىدىن سۈيدۈك راۋان بولماي سۈيدۈك تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار چۆكمىگە چۇشۇپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشش:يېڭى تەتقىقاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يېمەكلىكلەر تەركىۋىدىكى ۋىتامىن A كەم بولسا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۇنكى بۇ ماددا كەم بولسا سۈيدۈك نەيچىلىرى شىللىق پەردىلىرىدە سۇ چۇشۇشنى پەيدا قىلىپ تاش شەكىللەندۇرىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىقى:قالقانسىمان يان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەندە قاندىكى كالتىسى ماددىسى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈكتىكى بىر قىسىم ماددىلار ئاسانلا چۆكمىگە چۇشۇپ تاش پەيدا بولۇشقا شارائىت ھازىرلايدۇ.
ئالامىتى:
ئاساسلىق ئالامىتى بەل ئاغرىش بولۇپ، بەل ساھەسى دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىش 12-كۆكرەك ئۇمۇرتقىسى بىلەن 2-3-بەل ئۇمۇرىتقىسى ئارقىسىدا بولىدۇ. ئاغرىش كىندىك ساھەسىدە بولىدۇ. ئاغرىش ئۇرۇقدان،سىرىتقى جىنسىي ئەزالارغا قەدەر تارقىلىدۇ. بەزىدە ئاغرىش تۇيۇقسىز كۈچلۈك بولىدۇ. ئاغرىشنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ. بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. ئاغرىش ھەر قېتىمدا بىر قانچە مىنوت بىر قانچە سائەت تۇتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قان سىيىش كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
تاشنى پارچىلاش،تاشنى چۈشۈرۈش،ئارغىق پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:
تەركىۋى:خورمىنىڭ ئۇرىغى 3تال.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەكتىكى تاشنى چۇشۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم بىر پىيالىدىن ئىچكۈزىلىدۇ.
2-رىتسىپ:
تەركىۋى:ئاق لالە ئۇرىغى 4گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۇشۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا شاراپ بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
3-رىتسىپ:
تەركىۋى:پالەك كۆكى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سىقىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:تاش چۇشۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر قوشۇپ ئىچكۇزۈلىدۇ.
4-رىتسىپ:
تەركىۋى:تۇرۇپ كۆكى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سىقىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:تاش چۇشۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىسكەنجىۋىل قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
5-رىتسىپ:
تەركىۋى:تۇرۇپ بىر دانە، چامغۇر ئۇرىغى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئوياپ ئېلىۋىتىپ ئىچىگە سوقۇلغان چامغۇر ئۇرىقىنى سېلىپ ئاغزىنى چىڭ ئىتىپ ئوتقا كۆمۇپ پىشۇرۇلىدۇ.
شىپالىق رولى:تاشنى چۇشۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:پىشۇرۇلغان دورىغا ھەسەل قوشۇپ يىگۈزۈلىدۇ.
6-رىتسىپ:
تەركىۋى:ئوغرى تىكەن،بابۇنە،ئاق لەيلى ئۇرىغى،سوققان زاراڭزا، شومشا،بىخ كەبىر،ئىسپىغۇل يۇپۇرمىقى،سېمىز ئوت ،بىنەپشە،كۈنجۇت يۇپۇرمىقى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قاينىتىپ سۈيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۈيدۈك يولىنى يۇمشىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:دورا سۇيى ئىسسىق ھالەتتە بىمار ئولتۇرغۇزىلىدۇ.
7-رىتسىپ:
تەركىۋى:ئاق لەيلى ئۇرىغى،زىغىر،شومشا،زاراڭزا مېغىزى،ئاق لەيلى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:زاراڭزا مېغىزى،ئاق لەيلىنى قاينىتىپ باشقا دورىلارنى دورا سۈيىدە ئىزىپ بادام يېغى تېمىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۈيدۈك يولىنى يۇمشۇتۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 30مىللىلىتىردىن ئىچكۇزۇلىدۇ.
8-رىتسىپ:
تەركىۋى:سەرپىستان،ئەنجۇر قېقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،ئاق لەيلى،خىيارشەنبەر،تەرەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى قاينىتىپ سۇزۇپ خىيارشەنبەر بىلەن تەرەنجىۋىلنى دورا سۇيىگە چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۇزۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:سۈرۈش
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىرغىچە ئىچكۈزۈلىدۇ.
9-رىتسىپ:
تەركىۋى:ئوغرى تىكەن،پىننە،ئەمەن،چىڭسەي،ھېلىيۇن،كاكىنەج يىلتىزى،بادىيان، ياۋا سوزاپ، پىرسىياۋىشان،فۇنۇس مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سۇدا قاينىتىپ شەربەت ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئىچىنى سۈرۈش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 3قېتىم 30-50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش
1-رىتسىپ:مەجۇنى ئەقرەب بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:كاكىنەج يىلتىزى 6گىرام،جىنتىيانا 15گىرام،قۇندۇز قەھرى 12گىرام،ئاقمۇچ،قارىمۇچ 8گىرام،زەنجىۋىل 3گىرام،ھەسەل 3ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1قېتىم 2-3گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.
2-رىتسىپ:مەجۇنى ھەجىرۇل يەھۇد بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:قاپاق ئۇرىغى مېغىزى،تەرخەمەك ئۇرىغى مېغىزى،قوغۇن ئۇرىغى مېغىزى،كاكىنەج 20گىرامدىن،ھەجىرۇل يەھۇد 15گىرام، ھەسەل 3ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ھەجىرۇليەھۇدنى لايىقلاشتۇرۇپ سالايە قىلىپ باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ،ھەسەلنى چەككىلەپ سەل سۇۋۇغاندا تالقاننى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئۆت،بۆرەك،دوۋساقتىكى تاشنى پارچىلاش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 2قېتىم 5-10گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
3-رىتسىپ:سۇپۇپى ھەجرۇليەھۇد بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:ھەجرۇليەھۇد 5گىرام،قوغۇن ئۇرىغى مېغىزى 15گىرام، سېمىز ئوت ئۇرىغى 10گىرام،قاپاق ئۇرىغى مېغىزى 10گىرام،كەتىرا 5گىرام، نىشاستە 5گىرام،شىكەر 60گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم يۇمشاق سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:بۆرەك،دوۋساق،سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى ئېرىتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1قېتىم 10گىرامدىن ئەرقى بەدىيان بىلەن بىللە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
4-رىتسىپ:شەربىتى بوزۇرى بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بادىيان يىلتىزى،چىڭسەي يىلتىزى،كاسىنە يىلتىزى، تاۋۇز ئۇرىغى 30گىرامدىن،تەرخەمەك ئۇرىغى 30گىرام،كاسىنە ئۇرىغى 20گىرام،قوغۇن ئۇرىغى 30گىرام،بادىيان 20گىرام،رۇم بەدىيان 20گىرام،شىكەر 150گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى قاينىتىپ سۇزۇپ كەينىدىن شىكەرنى سېلىپ ئېرىىتىپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:توسالغۇلانى ئېچىش،ئىششىق ياندۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 2قېتىم 20-30گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
5-رىتسىپ:مەجۇنى سەنگى سەرماھى بىرىلىدۇ.
تەركىۋى:سەنگى سەرماھى 25گىرام،ھەجرۇل يەھۇد 25گىرام، ئوغرى تىكەن 25گىرام،ئالۇچا 25گىرام،بادىيان 25گىرام،سېرىق ئوت ئۇرىغى 40گىرام،قوغۇن ئۇرىغى مېغىزى 60گىرام،ھەسەل 250گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تاسقاپ چەككىلەنگەن ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:تاش پارچىلاش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 2قېتىم 5-10گىرامغىچە ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ.
6-رىتسىپ:قۇرسى مۇسەللەس بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:بادىيان،كافۇر،زەپەر،مىھرىگىياھ پوستى 15گىرامدىن، كۇندۇر،ئەنزىرۇت،ئامىلە،گىل ئەرمىنى 5گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى سوقۇپ تالقانلاپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرقى گۈل ۋە ئوسۇڭ سۈيىدە يۇغۇرۇپ قۇرۇس قىلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئاغرىق پەسەيتىش،تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 2قېتىم 1تالدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
7-رىتسىپ:ئەرقى بەدىيان بېرىلىدۇ.
تەركىۋى:(بۆرەك ئاغرىش كېسەللىكىدە سۆزلەندى)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەتتىگەندە ناشتىدا سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك،يېپەك يوتقاندا ياتماسلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى، ئاسان چۆكمىگە چۈشكۈچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.