سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

ئاشقازان كېرىش ئېغىزى راكىنى داۋالاشتىن دوكلات

كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبى

   غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ ئۆزگۇرىشى پەرىز ۋە پەرۋىشلەرگە دىققەت قىلماسلىق باشقا ئەزا شېرىكچىلىكىدىكى كېسەللىك ئۆزگۇرۇشى سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندا ياللۇغلىنىش، ئىشىش،قىزىرىش،زىدىلىنىش سەۋەبىدىن يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بىلەن ياللۇغلانغان ئورۇندىكى ئاشقازان تالالىق بىرىكمىلىرى پاتولوگىيلىك ئۆزگۇرۇپ ئاشقازان راكىنى پەيدا قىلغان. كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا راك ھۇجەيرىلىرى ئۆسۇپ كۆپىيىپ تەرەققى قىلىپ قان ئايلىنىش ۋە لىمفا كاناللىرى ئارقىلىق سۇمۇرلىشى نەتىجىسىدە لىمفا بەزلىرىدە ئاللوگىرىيەلىك توسۇلۇش ئارقىلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

   مىزاج ئايرىمىسى جەھەتتە

   سەپرا مىزاجدىكىلەر 50نەپەر بولۇپ %35نى ،سەۋدا مىزاجدىكىلەر 65نەپەر بولۇپ %42نى،بەلغەم مىزاجدىكىلەر 15نەپەر بولۇپ %23نى ئىگەللەيدۇ.

   دىئاگنوز قويۇش

   ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۇرۇش،يەرلىك ئورۇندىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۇرۇش ئۇسۇللىرى ئاساس قىلىندى.

   داۋالاش

   ئالدى بىلەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى غەيرى تەبىئى خىلىتنى پۇشۇرۇش مەقسىتىدە مۇنزىچ تەييارلاپ 20 كۇن بېرىلدى. كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 30-50مىللىلىتىردىن بېرىلدى.2-قەدەمدە ماددا پىشىپ بولغاندىن كېيىن سۇرۇش مەقسىتىدە مۇسھىل كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 30-50مىللىلىتىردىن 10كۇن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.3-قەدەمدە دوختۇرخانىمىزئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكەن ياللۇغ قايتۇرغۇچى ،ئىششىق ياندۇرغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شوخلا،جاۋارىش ئەنبەر،ئادىراسىمان جەۋھىرى قاتارلىق دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.4-قەدەمدە تاماق يېنىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلگەندە سىركىنى قىزىتىپ 3-5مىللىگىرامغىچە گېلىغا پۇركەپ سىرتىدىن ئۇلاندى.ئىچىدىن ھەببى تەنىكار كۇندە 1قېتىم 7تالدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.3كۇندە بىر قېتىم سىماپ كاپسۇلىدىن 3گىرام يېگۇزۇلدى.5-قەدەمدە ئاغرىق توختتىش،ئۆسمىنى قورۇش،شەلۋەرەشنى يوقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى شەربەت تەييارلاپ بېرىلدى.

   تەركىۋى:ھەرە كۆنىكى30گىرام،قۇرۇتۇلغان يىلان تالقىنى 30گىرام،قىزىل قولتۇقلۇق پاقا10گىرام،ئادىراسىمان 30گىرام،خەشخەش 30گىرام،بىخ مارجان 20گىرام،ھەسەل 150گىرام قاتارلىق دورىلار قائىدە بويىچە شەربەت قىلىنىپ بىر كۇندە 3قېتىم 50مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى. شۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ ئەرقى يۇمغاقسۇت،خەشخەش شەربىتىدىن كۇندە 3قېتىم ھەر قېتىمدا 30-50مىللىلىتىرغىچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.

   6-قەدەمدە راك ھۇجەيرىلىرىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئۆسمە مۇنەكچىلىرىنى قورۇپ كىچىكلىتىش ۋە يوقىتىش مەقسىتىدە مۇرەككەپ سەرتان مەجۇنى كۇندە 2قېتىم 8گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى،كاتۇيشا كۇندە بىر دانىدىن 14كۇن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.

   7-قەدەمدە ئۆسمە مۇنەكچىلىرىنى قورۇپ كېچىكتىش مەقسىتىدە مەجۇنى ئەپئا كۇندە 2قېتىم 5گىرامدىن ،مەجۇنى سىرسۇرۇخ كۇندە 2قېتىم 5گىرامدىن،شىكەر تالقىنى كۇندە 3قېتىم 6گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.كۇندە بىر قېتىم سۇپۇپى ئەپئانى گۆش بىلەن قاينىتىپ 5-10كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.لوئوقى سەرتان كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.

8-قەدەمدە ئۇمۇمى بەدەننى ھەم رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋائى بىيە شەربىتى كۇندە 3قېتىم 30مىللىگىرامدىن ،پىننە گۇلقەنتى كۇندە 3قېتىم 20گىرامدىن، قىزىلگۇل گۇلقەنتىنى كۇندە 3قېتىم 20گىرامدىن مۇرەككەپ ئامىلە نۇش دارى كۇندە 2قېتىم 10گىرامدىن،داۋائى مىشكى كۇندە بىر قېتىم 5گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدى.ئاشقازاننى قۇۋەتلەش چايلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ھەر قايسى داۋالاش باسقۇچلىرىدا بىمارنى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق غىدىقلىغۇچى يېمەك ئىچمەكلەردىن پەرھى قىلدۇرۇلدى.

نەتىجە

بىمارلارنى يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاپ ئاخىرقى نەتىجىنى كۆرگىنىمزدە تۇلۇق ساقايغانلار 40نەپەر بولۇپ %29نى ،ياخشىلانغانلار 60نەپەر بولۇپ %43.3نى ،ياخشىلانمىغانلار 70نەپەر بولۇپ %21.7نى ئىگەللەيدۇ. داۋالاشنىڭ ئۇنۇم بېرىش نىسبىتى %73.3گە يەتتى.

مۇھاكىمە ئاشقازان كېرىش ئېغىزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا يەنى ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ خىل كېسەللىك زىيادە ئىسسىقلىق،غەلىز،غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن جۇملىدىن ھاراق،تاماكۇ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭا داۋالاشقا ئالدى بىلەن پەرھىزلەرگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىش بىلەن بىرگە ئىچىدىن كۇچلۇك ئىششىق قايتۇرغۇچى،ياللۇغ قايتۇرغۇچى،يەل گۆيدۇرگۇچى دورىلار ئىشلىتىلسە كېسەللىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تىزلەتكىلى ۋە ساقايتىش ئۇنۇمىنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button