سەھىپە ئايرىلمىغانيۈرەك-قان تومۇر
يۈرەك قېپى ياللۇغى
يۈرەك قېپى ياللۇغى بولسا، يۈرەك قېپى پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك بولىدۇ. كۆپىنچە پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىكلەر ئىپادىسىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ ياكى ئەتراپ توقۇلمىلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن تارقىلىپ كېلىدۇ. بۇ كېسەللىك يالغۇز مەۋجۇت بولۇشى ياكى يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ياكى يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇشىمۇ مۇمكىن. يۈرەك قېپى ياللۇغى ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.