يۈرىكى زەئىپلەشكەن بىمارلارغا مەسلىھەت
كۆپلىگەن كېسەللكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . بۇنى ئەھۋالغا قاراپ داۋالىتىشتىن باشقا ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش لازىم :
1 يۈرەك زەئىپلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش كېرەك . مەسىلەن : ئېغىر ئەمگەك قىلىش ، روھىي جىددىيلىشىش ، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار . مۇھىمى ئۆز كېسىلىنىڭ خاراكتىرىنى بىلىشى ۋە كېسەل روھىي ھالىتىنى تۇراقلىق تۇتۇشى ، ئېھتىياتچان بولۇشى ، ئۆزگىرىش بولغان ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك .
2 .ئوڭ يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى بولسا ، ئەڭ ئالدى بىلەن پۇتنىڭ ئوشۇق قىسمى ئىششىش ، تەدرىجىي ئىككى تىزغا چىقىش ، ئېغىرلاشقاندا قورساققا سۇ يىغىلىش قاتارلىقلار . بۇنداق ئەھۋالدا يۈرەك كۈچلەندۈرگۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدە دورىسىنى يەپ بېرىش كېرەك .
3 .سول يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى بولسا ، نەپەس قىينىلىش ، ھاسىراش ،تەرلەش ، كېچىسى ئوڭدىسىغا ياتالماسلىق ، يۆتەل بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلار . ئەگەر يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە ، بىمارنى كارىۋاتتا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئىككى پۇتىنى كاراىۋاتتىن ساڭگىلىتىش ، شارائىت بولسا ئولسىگىننى سۈمۈرتۈش ھەم دەرھال قۇتقۇزۇش مەركىزىنى ياردەمگە چاقىرىش . ئەگەر ئۆي دوختۇرخانىغا يىراق ، ئالاقىلىشىش قولايسىز ئەھۋالدا بىمارغا ئالدى بىلەن سۈيدۈك ھەيدەش دورىلىرىنى بېرىش ، تېنچلاندۇرۇش ھەمدە دوىتۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك .
4 .دىگوكسىن ئادەتتە كۈنىگە يېرىم تال ياكى بىر تالدىن يەيدىغان دورا . بۇ دورىنى يېگۈچىلەر دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ، مومكىن بولسا بۇ خىل دورىنىڭ قاندىكى مىقتارىنى ئۆلچىتىش كېرەك . ئەگەر دورا يەۋاتقان مەزگىلدە كۆزىگە سېرىق نەرسە كۆرۈنگەن بولسا ، تاماق يېگۈسى كەلمىسە ، كۆڭلى ئېلىشىش ، ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دورىدىن زەھەرلەنگەنلكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئېغىرلىرىدا يۈرەك رېتىمسىزلىقى ، بالدۇر قىسقىراش ،يۈرەك سېلىش تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . بۇ دورىنىڭ مىقتارىدىنى دوختۇرلار كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەيدۇ . ئۆزلۈكىدىن دورىنى كېمەيتىش خەتەرلىك .
5 .دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سۈيدۈك ھەيدەش دورىسىنى يېگەن مەزگىلىدە ، سۈيدۈك مىقدارىنى ئۆلچەش ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق سۈيدۈك ھەيدەش دورىسىنىڭ رولىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .
6 .سۈيدۈك ھەيدەش دورىسىنى يىگەن مەزگىلدە بەدەندە كالىي ، ناترىي ، خلور ئېلېمېنتلىرى ئازلاپ كېتىدۇ . شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا كالىي سۇيۇقلۇقىنى تولۇقلاش ھەم تەركىبىدە كالىي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن :ئاپىلىسىن ، بانان قاتارلىقلار . ئەگەر بىماردا كالىي ماددىسى تۆۋەنلەپ ماغدۇرسىزلىنىش ، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك قاتارلىقلار كۆرۈلسە دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك .
7 .يۈرەكنىڭ سوقۇشىغا دېققەت قىلىش كېرەك . تىنچ دەم ئالغاندا يۈرەك سېلىش مىنوتىغا 100قېتىمدىن ئارتۇق ياكى 50 قېتىمدىن تۆۋەن بولسا ۋە ياكى يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلاشسا ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك .
8. تۇز ، ماينى ئازراق يېيىش ، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، تاماقنى بىراقلا زىيادە يەۋەتمەسلىك ، سوغۇق نەرسىلەرنى يېمەسلىك ، تاماكا ، ھاراق تاشلاش كېرەك .
9 .ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇش ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش، تۇرمۇشتا رېتىملىك بولۇش ، بالدۇر يېتىپ ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك .