ياسانچۇق ياشانغانلار كۆپ كېسەل بولمايدۇ
چەت ئەل ئالىملىرى ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىشقا ئامراق 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ياشانغان كىشىنى تەكشۈرۈپ ، بۇلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن ياش كۆرۈنىدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئون نەچچە ياش ياشىرىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئالىملار يەنە ياسانچۇق ياشانغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ، ئۈچەي ياللۇغى ، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ياشانغانلارغا قارىغاندا %30 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى . پىسخولوگىيە ئالىملىرى مۇنداق قارىدى : ياشانغانلار مۇۋاپىق ھالدا ياسىنىشى ۋە گىرىم قىلىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ياشلىق كۈچى ئاشىدۇ . ياشانغانلاردا ‹‹مەن تېخى ياش›› دەيدىغان پىسخىك قاراش بولۇشى كېرەك ، بۇمۇ ياشانغانلارغا ئۈمىد ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ . بۇنداق ياخشى پىسخىك ئالامەتلىرى بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ ، پايدىسىز ئامىللارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق . بىيو خىمىيەلىك ماددىلار قانچە كۆپ ئاجرىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتسە ، قان ئايلىنىش مىقدارى ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئىچكى ئەزالار مېتابولىزمى ياخشىلىنىپ ، ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، كېسەلچان ياشانغانلارمۇ ئۆزىنى مۇۋاپىق كۈتۈشنى ، روھلۇق يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا ، سالامەتلىكى بارا–بارا ياخشىلىنىدۇ .