قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ پەرھىزى
1.كېسەللىكنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋىلىش،كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى،تولا ئاچچىقلىنىش پۈتۈن بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
2.توخو گۆشى،بېلىق تېرىسى،پالەك،ياڭيۇ،ئۇماچ،گۆشسىز سۇيۇقئاش ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى يېمەكلىكلەر كېسەللىك ئورۇننى قوزغايدۇ.
3.دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر خولىستىرلىق يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىكى كېرەك.ئەگەر قەنتنى ياخشى كونترول قىلمىسا،يۇقىرى خولىستىرلىق قان قېتىشىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.خولىستىرلىق يىمەكلىكلەر- تۇخۇم سېرىقى،قايماق،كاللا-پاچاق،جىگەر،تال،ئۆپكە،بۆرەك ۋە باشقا مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.تاتلىق يېمەكلىكلەر- ئاق شېكەر،قىزىل شېكەر،ناۋات،ئارپا ئۈندۈرمىسى،شاكىلات،كەمپۈت،ھەسەل ھەمدە شېكەر قوشۇلغان يېمەكلىكلەرياكى ئىچىملىكلەر،شاراپ،كولا،ھەرقانداق گازلىق ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5.قان قەنتى يۇقىرى بىمارلار بىرلا ۋاقىتتا كۆپ تاماق يىمەسلىكى كېرەك.تاماقنى ئاز-ئازدىن يېيىش،پات-پات يىيىشى كېرەك.
6.خولىستىرلىق يېمەكلىكلەر ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك،قەھۋە ئىچمەسلىك،يېمەك ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش ,گۆشنى كۆپ يىمەسلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش،ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ساقلىنىش، ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك ، پسخىك بېسىم ھېس قىلماسلىق ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تاماق ئەتمەسلىك ، جىنسىي تۇرمۇشى ھەددىدىن ئارتۇق بولماسلىق، سەمرىپ كەتمەسلىك، ھەسەل يىمەسلىك، رەڭدار كۆزئەينەك تاقىماسلىق ، يانفوننى كۆپ ئىشلەتمەسلىك،ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ يۇيۇنماسلىق، ئۇيقۇغا قانماسلىقتىن ساقلىنىش ، قاتتىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، سەھەردە چېنىقماسلىق، دورىنى تۇيۇقسىز توختاتماسلىق ، پۇتنى ئاسراشقا سەل قارىماسلىق، مەلھەم دورا ۋە دورىلىق ھاراقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.