قان تەغدىم قىلغۇچىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
قان–قان پىلازمىسى ۋە قان ھۈجەيرىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا قان ھۈجەيرىسى ئۈزلۈكسىز ماددا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى مىسالغا ئالساق ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن 120 كۈن بولىدۇ، يەنى كۈنىگە تەخمىنەن قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئومۇمىي سانىنىڭ 120دىن بىرى تەبىئىي ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. قان تەغدىم قىلغاندىن كېيىن ئادەم تېنى ئۆزىنىڭ تەڭشەش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالاردا زاپاس ساقلانغان قاننى بىۋاستە قويۇپ بېرىپ، قان ئايلىنىشقا قاتناشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئىشلەش توقۇلمىسىمۇ قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلىتىدۇ. ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا قاندىكى ھەر خىل تەركىبلەر قان تەغدىم قىلىشتىن ئاۋۋالقى ھالەتكە كېلىدۇ. يىلىك قان ئىشلەش جەريانىدا ئاقسىل، تۆمۈر، مىس ۋە كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىنلاردىن ئىبارەت خام ماتېرىياللارغا مۇھتاج بولىدۇ. قان تەغدىم قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئوزۇقلىنىشنى مۇۋاپىق كۈچەيتكەندە ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن ئادەم ئادەتتە ھەر كۈنى 100 گرام ئەتراپىدا ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك. بۇ ئاقسىللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 300 گرام ئاساسىي ئوزۇق، 50تىن 100 گرامغىچە ئورۇق گۆش، 50تىن 100 گرامغىچە پۇرچاق بىلەن ئوزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىنسا ھەمدە 500 گرام يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلەنسە يېتەرلىك بولغان بولىدۇ. قان تەغدىم قىلغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە ئاقسىل مول بولغان يىمەكلىكلەر، مەسىلەن: سۈت، گۆش، تۇخۇم، بېلىق ۋە پۇرچاق قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تۆمۈر قىزىل قان ھۆجەيرىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا . تۆمۈر ماددىسى مول يىمەكلىكلەردىن ئۇرۇق گۆش، جىگەر، بېلىق، دادۇر، چىلان، قىزىل دېڭىز يوسۇنى قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدىكى ھېماتىنلىق تۆمۈر ئۈچەي شىللىق پەردىسىدىن قانغا بىۋاستە شۈمۈرۈلىدۇ. بۇ قان ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا ھېساپلىنىدۇ.
فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12لار گەرچە قىزىق قان ھۈجەيرىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي تەركىپ بولمىسىمۇ، بىراق قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېتىلىشى ئۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ. فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12لار كۆكتات، مېۋە–چىۋە، جىگەر، بۆرەك قاتارلىقلاردا كۆپ بولىدۇ. قان تەغدىم قىلغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .