سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش
سۈيدۈك يوللىرى (بۆرەك، سۈيدۈك كانىلى، دەۋساق، سۈيدۈك يولى )قاتارلىقلارغا تاش بولۇش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
ئىچكى بەزلەر خىزمىتى تەرتىپسىزلىنىش :يەنى قالقانبەز يانبېزى خىزمىتى كۈچۈيىپ كەتكەندە قان تەركىبىدە كالتىسى ماددىسى بەك كۈپىيىپ كىتىپ سۈيدۈكتىكى كالتىسىي ماددىسى كۆپلەپ چىقىدۇ دە –تاش شەككىلىنىدۇ.
ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى :
يىمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ تەركىبى پاكىزە بولماسلىق (سۇ تەركىبىدە ئاھاك ۋە باشقا ئىرىگەن غەيرى تەركىبنىڭ كۆپ بولۇشى
يۇقۇملىنىشلار :
سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملانغاندىن كېيىن جاراسىملار ۋە ئۇلارنىڭ ياللۇغلاندۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجراتمىلار بەدەن ھارارىتىدە قۇرۇپ كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.
سۇددە (توسۇلۇش) سەۋەبىدىن : سۈيدۈك چىقىرىش سۇددىلەر .
مەسىلەن: سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ئەگىرلىكى غەيرى شەكىلدە بولىشى .مەزىبېزى چوڭىيىش قاتارلىقلار .
يات جىسىملار:
تىپىك ئىپادىلىرى : بەل ئاغرىش ،قۇسۇش، ئۇمۇمى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش:
بەدەن ئۆتكۈر بولمىغان سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تاش ئىرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىنى تازىلاش لازىم. ناۋادا قەۋزىيەتلىك ئەھۋال كۆرۈلسە :تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بىرىش كېرەك .
دورىلاردىن مەجۇن ئەقرەب ، مەجۇن ھەجەرۇل يەھۇد ، جاۋارىش زەر ئۇنى قاتارلىق دورىلارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ بىرىش كېرەك
پەرھىز: زىيادە تۇزلۇق، يەللىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىپ لەتىف غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.