سەھىپە ئايرىلمىغانيۈرەك-قان تومۇر

دىئابېت كېسەللىكى ( قەنت  سىيىش كېسەللىكى ) بىمارلىرىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەش ئۇسۇلى

    1. غەمكىن بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايلارغا بېرىپ ئارام ئالسا غەمنى باسىدۇ. ستاتىستىكىغا   ئاساسلانغاندا ، كۈن نۇرى ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل ئېنېرگىيىنى تولۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،  بۇ خىل ئېنېرگىيە  خامۇشلۇقنى تىزگىنلەپ، غەمنى باسىدۇ.

    2 . باشقىلارغا سوۋغات بېرىش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش كېرەك .  بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي تاپقىلى بولىدۇ.  لېكىن، سوۋغىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن  مۇناسىۋەتسىز  .

    3.  ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن تۇغقانلار ۋە دوستلارغا تېلېفون ئۇرۇپ تۇرۇش، باشقىلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ تۇرۇش ، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك .

   4 . كىچىك بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋە سەيلە قىلىش كېرەك . چۈنكى، بالىلارنىڭ ئوماق قىلىقلىرى ۋە كەپسىزلىكى كۆڭۈلنى ئاچىدۇ ، غەم قايغۇنى باسىدۇ  ھەم بالىلارغا  تارىخ ، ھېكايە سۆزلەپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

   5 .  گۈل-گىياھلارنى ئۆستۈرۈش ۋە قانداق ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە تەتقىقات  ئېلىپ بېرىش، ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى تەپسىلىي كۆزىتىش قاتارلىق جەريانلارمۇ غەمنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

   6 . تىنچ ئولتۇرۇپ ئىلگىرىكى ياخشى ئىشلارنى ئەسلەش ياكى ياخشى كۆرىدىغان ناخشا -مۇزىكىلارنى ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭمۇ كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىسى بار .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button