دوۋساق ياللۇغى ( ۋەرمى مەسانە )
تۇنۇش:
ھەر خىل سەۋەپلەردىن دوۋساق توقۇلمىلىرى ياللۇغلۇنۇپ، كىلىنىكىدا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپۈيۈش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك.
دوۋساق ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئىلتىھابى مەسانە دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى:
1. ئۇپۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. تۇخۇم سېرىغى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3 .زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
4. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
6. دوۋساق تاش كېسەللىگى، سۈيدۈك يول ياللۇغى، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېلىنىك ئىپادىسى:
سۈيدۈك قىستايدۇ، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ياكى سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، يۇقۇرى قىزىتما بولىدۇ، سىيىش قىيىنلىشىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇياكى سۈيدۈك تۇتىلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
دىئاگىنوز ئاساسى
1. تىپىك كېلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن
2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش:
(1)قان تەكشۈرۈش: ئاققان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپۈيىدۇ
(2) سۈيدۈك تەكشۈرۈش : سۈيدۈكتە ئاققان ھۈجەيرىسى ۋە قىزىلقان ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:
1. سۈيدۈك يولى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ
2. مەزى بېزى ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەخسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: ئۇپۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش مەخسەتتە ئەرقى چۆبىچىن، شەربىتى ئۆشبە ، مەجۈنى ئۆشبە، مەجۈنى چۆبىچىن ، ئىتىرپىل چۆبىچىنقاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
باشقاخىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەنقىيە قىلىنىدۇ.
ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەخسەتتە ھەمشىباھار ئۇرۇغى، ئاق لەيلى ئۇرۇغى، بىنەپشىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ۋاننا قىلىنىدۇ.
ئارپا ئۇنى، شومشا، زېغىردىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى بابۇنە يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ، قائىدە بويۇچە زىمات تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە ئوسۇڭ 5 گىرام، ئەپيۇن 0.1 گىرام، زەپەر 0.5 گىرام، بادام يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويۇچە زىمات تەييارلاپ، دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش مەخسەتتە مۇرەككەپ دورىلاردىن ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكىنەچ، ئەرقى چۆبىچىن