بۆەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقى
تۇنۇش:
بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششقى-بۇ كېسەلدە بۆرەكنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئۇمۇمى بەدەندە سۇلۇق ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ، سۈيدۈك كانالچىلىرى ئىچكى تېمى زەخمىلىنىش نەتىجىسىدە سۈيدۈك قۇيۇق ئاق كېلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
بۇ كېسەلنىڭ غەرىپ تىبابىتىدىكى ئاتىلىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى غەرىب تىبابىتىدىكى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە،بۆرەك ياللۇغى ھازىر ئوتتۇرىغا قويغان بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىغى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئانالىز جەھەتتىن تەسىر قىلغان بەزى كېسەللىك سەۋەبلىرى ئوخشىمايدۇ. يەنى بۆرەكنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششقىدا ئوخشاشلا مەيلى بەدەندىكى غەيرى تەبىئى خىلىتقا بولمىسۇن مەيلى باشقا ماددا تەسىرىدىن بولسۇن بۆرەك توقۇلمىلىرىدىكى ھىسسىيات (زىيادە سەزگۈرلۈك)سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ غەرىب تىبابىتىدىكى ئاللىرگىيلىك رىئاكسىيە چۇشەنچىسى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش.
سەۋەبى:
قاننىڭ قۇيۇلۇپ قېلىشى ياكى قانغا غەيرى تەبىئى كۆيگەن سەپرانىڭ ئارلىششى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۆرەككە سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش،ئۇزۇن مۇددەت ھۆل يېغىنلاردا قېلىش سەۋەبىدىن بۆرەككە سوغۇق ئۆتۇپ بۆرەك توقۇلمىلىرىدا ھۆللۈكلەر توختاپ قېلىشىنى شەكىللەندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بوزۇلۇپ بۆرەك ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن يەنى كىزىك، بەزگەك،قىزىل،چىچىەك،بادامسىمان بەز ياللۇغى،زۇكام ۋە نەزلە تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل جاراسىملىق كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ زەھەرلىرى قان ئايلىنىشقا كىرگەندىن كېيىن قاندا سەپراۋى كۆيگەن قاننىڭ غالىپلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قان بۆرەكتە كۈچلۈك غىدىقلىنىش سادىر قىلىپ بەدەننىڭ شۇخىل جاراسىملارغا بولغان زىيادە سىزىمچانلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەك توقۇلما قان تۇمۇر شارچىلارغا نىسبەتەن سىپازما شەكىللەندۇرۇپ ئىششىق كەلتۇرۇپ چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ.
ھامىلدارلىق ۋاقتىدىكى بۆرەك خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.تۇرمۇش ناچار بولغان،بەدىنى ئاجىز،ئۇزۇن مۇددەت سۇزۇلما كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان،جىسمانى ئەمگەكتىن زىيادە چارچىغان كېشىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى:
سەۋەبىگە ئاساسەن ئالامەتلىرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. قاننىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن بولسا، بەدەن تىمپىراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ.ئۇسسۇزلىقى كۆپ بولىدۇ. بۆرەك ئۇدۇلىدا ئاغرىش،ئېغىرلىشش ۋە قىزىقلىق سېزىلىدۇ. سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى ناھايىتى قىزىل بولىدۇ.
ئەگەر سەپرانىڭ غالىپلىقىدىن بولسا-باش ئاغرىش،ئۇيقۇسىزلىق ئېغىر بولىدۇ. لېكىن بۆرەكتە ئېغىرلىق بولمايدۇ، ئىچىشىپ ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ. بەدەن تىمپىراتۇرىسى يۈقىرى ئۆرلەيدۇ. ئۇسسۇزلىغى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تۇمۇرى ئىتتىك،سۈيدۈك رەڭگى سېرىق بولىدۇ ياكى قىزىل بولىدۇ. ئەگەر سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان بولسا كېسەللىك تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر تەسىرىدىن بولسا بەدەن تىمپىراتۇرسى شۇخىل كېسەللىكلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ نورمالىشىپ كېسەللىك ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈز ئالىدۇ.
ئۇمۇمەن كېسەلدە دەسلەپتە بەدەن تىمپىراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۆرەكتە چالاڭغۇراش بولىدۇ. بەل ساھەسىدە ئاغرىش بولىدۇ. پۇتۇن بەدەنلىك سۇلۇق ئىششىق يۈز بېرىپ، مەڭزى قىزىرىپ كۆزلىرى پولتىيىپ قالغاندەك بىلىنىدۇ. سۈيدۈك قېتىمى كۆپ ئاز-ئازدىن كېلىدۇ، سۈيدۈك سېسىق پۇرايدۇ.سۈيدۈكنى تەكشۇرگەندە چۆكمىلەر قان پارچىلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆتكۈرلەشكەندە سۈيدۈك تۇتۇلۇپ پۇتۇن بەدەنلىك ئىششىق روشەن بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
قاندىن بولسا قان تازىلىغۇچى،قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتكۈچى، سەپرانى پەسەيتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، لازا، ئاچچىقسۇ، يەللىك، ياڭيۇ، پىياز قاتارلىقلاردىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.