بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى   (ئىتھابى ھەۋزى كۇلىيە)

سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش كىلىنكىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچۇىرايدىغان كىسەللىك بۇلۇپ يۇقۇملىنىش  ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن:

 1) ئۇستۇنكى سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش.

 2) ئاستىنقى سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش دەپ 2گە بۆلىنىدۇ.

بۇرەك جامى بۆرەك  ياللۇغى سۇيدۇك تۇشۇش نەيچە ياللۇغى، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توۋەندىكى سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش دوساق ياللۇغى، سۇيدۇك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىلنك ئىپادىسىنىڭ ئاشكارلىنىش ئاشكارلانماسلىقىغا ئاساسەن :

 1) ئالامەتلىك سۇيدۇك يولى ياللۇغى.

 2) ئالامەتسىىز سۇيدۇك يولى ياللۇغى دەپ 2گە بۆلىنىدۇ.

ھەرقايسى سۇيدۇك يولى سىستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ناھايىتى كۇچلۇك قوغىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن جاراسىملار بۇلىسىمۇ لىكىن بۇلار سۇيدۇك تەركىۋىدىكى جاراسمىلارنى چەكلەيدىغان  تەركىبلەر بىلەن سۇيدۇكنىڭ ئىقىتىش رولى بولغاچقا كىسەللىك قۇزغىتالمايدۇ. لىكىن سۇيدۇك يولى تاش كىسەللىگى، سۇيدۇك يولى تارىيىش، زەخمىلىنىش، خوشنائەزالاردىكى ئوسمە، مەزى بىزى چوڭىيىش، ھامىلىدارلىق، سۇيدۇك يولىغا نەيچە سىلىش، دوساق ئەينىكىدە تەكشۇرۇش، ئوپىراتسىيە قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.سۇيدۇك يولى يۇقۇملىنىش كىىسەللىكىگە تەۋە بولغان بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى توغىرسىدا نوختۇلۇق توختۇلۇپ ئوتىمىز

.تۇنۇش:

بۆرەك  ئۇيۇل ماددىسى بىلەن سۇيدۇك كانلى تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇننىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ، كىلىنكىدا قۇرۇش، تۇڭۇپ تىتىرەش، بەك ئاغىرىش سىگەندە ئچىشىش، ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئاياللاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچىرايدىغان تۇنۇش، دىئاگىنوز قۇيۇش، بىر قەدەر ئاسان بولغان سۇيدۇك ئاجىرتىش سىتىما كىسەللىكىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

 ئۇ كىسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ۋە ئالامەتلىرىنڭ ئىغىر يىنىكلىكىگە ئاساسەن :

1) ئوتكۇر خاراكىترلىك ئىسسقدىن بولغان بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى.

2) سوغۇقتىن بولغان سوزۇلما بۆرەك  جامى ياللۇغى دەپ 2 گە بۇلىنىدۇ.

كىسەللىك سەۋەبى:

 ⑴قاننىڭ ئۇفۇنەتلنشىدىن بولغان. ھەرخىل جاراسىملار قان خلىتىغا ئارلىشىپ ئۇخۇنەتلەنگەندە ناھايىتى ئاسان بۆرەك كە تەسىر كۆرسىتىپ بۆرەك  جامىدا ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۆرەك  ماددا ئالمىشىش نىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنى ئايردىغائاساسلىق چىقىرىش ئەزاسى بولۇپ قان بۇزۇلغاندا ئۇخۇنەكلەنگەندە ھەمىدە بەدەننىڭ كىسەللىكگە قارىشى تۇرۇش كۇچى توۋەنلىگەندە مەزكۇر كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرلىنىدۇ.

⑵كۇيگەن سەخرا نىڭ تەسىردىن بولىدۇ.سەفىراخلىتى كۇچلۇك ھارارەت تەسىردە كۇيۇپ ئوتكۇرلەشكەندە غىدىقلاش، ئىچىشتۇرۇش، قىزارتىش تەسىرى ناھايىتى كۇچلۇك بۇلغان سەفىزائى مۇھتەدىقەنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ يەرلىك ئورۇن شىللىق پەردىلىرىنى كۇچلۇك غىدىقلاپ، سۇلۇق ئىششىق، قانلىق  ئىششىقنى پەيدا قىلىپ جاراسىملارنىڭ ئۇسۇپ كۆپيىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ.

⑶ يۇقۇملىنىش: سۇيدۇك يولى ياللۇغىنڭ تەكرار قۇزغۇلۇپ تەرەققى قىلىشى مەزكۇركىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. باتوفىزىئولوگىيەسى: بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغنىڭ باتوفىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بۇلۇپ بەزىدە ئىغىرلىرىدا بۆرەك  ئىشىشدۇ. كەسمە يۇزىگە قان تولۇپ يارا، يىرىڭ شەكىللىنىدۇ. بەزىلىرىدە توقۇلمىلار نىكروزلىنپ سۇيدۇك ئارقىلىق چىقىدۇ. سۇزۇلما بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغىدا بۆرەك  نۇرمالدىن سەل كىچىك بۇلۇپ ئىككى تەرەپ، سىمىتىرىك بولمايدۇ. شىللىق پەردىلەردە قىلىنلاش بولىدۇ. ئىغىرلىرىدا غەيرىلىك يىگىلەش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.بىرقىسىم ئايرىم بىمارلاردا بۆرەك  كىچىك شارچىلىرى تالالىشىدۇ،بۆرەك  قان تۇمۇرلىرى قاتىدۇ بۇنڭ بىلەن ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بىسىم، بۆرەك  ئىقتىدارى تولۇق بولماسىلىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

 كىلىنك ئىپادىسى:

 1. ئوتكۇر خاراكتىرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى.

كىسەللىكنىڭ باشلىنىشى بىرقەدەر تىز ھەم جىددىي بۇلۇپ ھەرقايسى ياشتىكىلەردە تۇغۇتلۇق ئايال كۆپ كۇرىلىدۇ.

(1) ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر: بىماردا يۇقىرى قىزىتما، جۇغ جۇغ بولۇپ تەرلەيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. باش ۋە پۇتۇن بەدەن ئاغىرىدۇ. قىزىتمىنڭ خاراكتىرى بوشاشتۇرغۇچى قىززىتما ۋە ئارىلغۇچ قىززتما بولۇپ 39- 38 قا ھەتتا 40 سىسلى گىرادوسقا يىتىدۇ.

(2) سۇيدۇك ئاجىرىتىش سىتىما ئالامەتلرى: بىمارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بەل ئاغىرىش قادىلىپ، سانجىلىپ،توۋەندىكى قوساق رايۇنى ئاغىرىش بولۇپ، ئاغىرىش سۇيدۇك تۇشۇش نەيچىسىنى  بويلاپ دوساققا قاراپ تارقايدۇ. شۇ ئەتىراپتىكى رايونلارنى باسقاندا بۆرەك نى مۇشلىغاندا ئاغىرىق كۇچىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇيدۇك قىستاش، كۆپ سىيىش، سىگەندە ئىچىشىش ئاغىرشقا ئوخشاش دوساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى %50 كۇرىلىدۇ. ئاز بىرقىسىم بىمارلاردا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە قانلىق سۇيدۇك بولىدۇ.

(3) باشقا ئالامەتلەر: بىمارلاردا ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۇل ئىلىشىش، قوسۇش ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. باللاردا بولسا سۇيدۇك ئاجىرتىش سىتىما ئالامەتلىرى كۇرنەرلىك بولماي يۇقۇر قىززتما بىلەن تارتىشىش، چويچۇش بولىدۇ..

2. سۇزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى:

 كىسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولۇپ 6 ئايدىن بىريىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇخىل تۇرنىڭ كلىنك ئىپادىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ، بەزىدە ھىچقانداق كىلىنك ئىپادىسى كۇرۇلمەي باكتىرىيەلىك سۇيدۇك بۇلىدۇ. يىرمىدىن كۆپىرەك بىمارلاردا ئوتكۇر خاراكتىرلىك بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغى بىلەن ئاغىرىش تارىخى بولىدۇ.

ئاساسلىق ئالامەتلەردىن:

 تۇۋەن قىززىتما ماغدۇرسىلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قان ئازلىق بەل ئاغىرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ۋە بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ دوسۇن غىدىقلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ، كىسەللىك بىرقەدەر ئۇزۇن داۋاملاشقۇچىلاردا كىچىلىك سۇيدۇك كۆپىيىش، بۆرەك  ئىقتىدارى توۋەنلەش، ئىككلەمچى يۇقىرى قان بىسىم قاتارلىقلار كىلپ چىقىدۇ. بۇلار بۆرەك  ئاجىرتىپ چىقارغان ھورمۇن، قان تومۇرلارنى قىسقارتقۇچى مادىلار، بۆرەك  قان تۇمۇرلىرى قىتىش، تارىيىش قاتارلىقلار سەبىدىن بۇلىشى مومكىن ئايرىم بىمارلاردا بىر تەرەپ بۆرەك نى كىسىپ ئىلىۋەتكەندىن كىيىن قان بىسىم ئەسىلگە كىلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

دىئاگىنوز قۇيۇش ئۆلچىمى:

 (1) تىپك كىلىنك ئىپادىسى ۋە بەدەن بەكگۇلىرىگە ئاساسلىنىپ دىئاگىنوز قۇيىلىدۇ. مەسىلەن : يۇقىرى قىززىتما، بەل ئاغىرىش، سۇيدۇك كۆپىيىش، سىيگەندە ئىچىشىش قاتارلىق دۇسۇن غىدىقلىنش ئىپادىلىرى ۋە مۇشلىغاندا +بەلگىسىگە ئاساسلىنىپ دىئاگىنوز قۇيىلىدۇ.

 (2) لابىراتۇرىيەلىك تەكشۇرۇش:

 1) سۇيدۇك تەكشۇرگەندە سۇيدۇك دۇغ ھالەتتە يىرك باكتىرىيە ئوستۇرگەندە+چىقىدۇ. قان تەكشۇرگەندە WBC نىتىروخىل دانچە نىڭ نىسبىتى يۇقىرلايدۇ ئاققان ھۇجەيرىسى  خاراكتىرلىك سىلىندىر ،قانلىق سۇيدۇك كۆرىلىدۇ. ئاقسىل بولمايدۇ ياكى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.

 2) ئوچ ئستاكانلىق سۇيدۇك تەكشۇرۇش تەجىربىسى: ئەتتىگەنلىك سۇيدۇكنىڭ 3 نوختىسىنى  ئىستىكانغا ئىلىپ ئايرىم ئايرىم تەكشۇرىمىز.

 (3) ئىكىس نورىدا تەكشۇرۇش.

(4) بىچاۋ ئاپىراتىدا تەكشۇرۇش.

سىلىشتۇرما دىئاگىنوز:

 مەزكۇر كىسەلگە دىئاگىنوز قۇيۇش ئانچە قىيىن ئەمەس، بۇ كىسەلدە كۇرىلىدىغان بەل، قۇساق ئاغىرىشنى ئوت ياللۇغى، سازاڭ ياللۇغى، داس بوشلىقى ياللۇغى، بۆرەك  خالتىسىنىڭ ئىششىقى قاتارلىقلاردىن پەرىقلەندۇرۇش زورول، بۇ كىسەلگە دىئاگىنوز قۇيۇشتا بۇلۇپمۇ ئاياللاردا قىززىش، بەل ئاغىرىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە سۇيدۇك يولى ياللۇغى ئالامەتلىرى كۇرۇلسە كىسەللىك ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بۇلىدۇ.

ئاساسلىق پەرىقلەندۇرۇشتە

(1) بۆرەك  سىلىدىن پەرىقلەندۇرۇش زورۇلى : سىلنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ بۆرەك  ئۇيۇل ماددىسى بۇزۇلىدۇ. بەزىلىرى نكروزلىنىدۇ بۆرەك  جامى ۋە بۆرەك  چاچكىسنڭ شەكلى ئوزگىرەيدۇ. سىل جاراسى %90 مۇسىپى چىقىدۇ سۇيدۇكتە.

(2) بۆرەك  ياللۇغى: بۆرەك  جامى بۆرەك  ياللۇغىدا ئاقسىللىق سۇيدۇك كۆرۇلمەيدۇ ياكى 2گىرامدىن  دىن ئاشمايدۇبۆرەك  ياللۇغىدا  3گىرامدىن ئىشىپ كىتىدۇ. دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى ئانچە رۇشەن بولمايدۇ.

(3) ئۆتكۇر مەزى بىزى ياللۇغىدىن : ئۆتكۇر مەزى بىزى ياللۇغىدىمۇ قىززىش ئالامەتلىرىدىن باشقا بەل ۋە ئارلىق قىسىمى قاتتىق ئاغىرىشدىن باشقا دوسۇن غىدىقلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئاققان دانچىسى مۇسبەت چىقىدۇ، بەزىدە يىرىڭ كۆرۇلىدۇ. جىنسى ئاجىزلىق ئىپادىلىرى ۋە مەزى بىرى سۇيۇقلىقىدىكى نەتجىلەرگە ئاساسلىنىپ بىكىتىمىز.

 ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش:

(1) قايناقسۇنى كۆپرەك ئچكۇزۇش، تازلىققا رىئايە قىلىش.

(2) ئارام ئالدۇرۇش، سۇيدۇك راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

 (3) ئۇزۇقلىنىشنى تەڭشەش، تەرتىپكە سىلىش، تۇز تەركىبى توۋەن تاماقلارنى بىرىىش.

دۇرا بىلەن داۋالاش:

داۋالاش پىرىنسىپى-ئۆزگەرگەن خلىتنى تەڭشەش تەنقىيەقىلىش، ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق سۇيدۇك ھەيدەش پىرىنسىپى بويچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.ياللۇغى قايتۇرۇش، سۇيدۇكنى راۋان قىلىش، ماددنى تەڭشەش مەخسىتىدە: تەرخەمەك ئۇرۇقى 30 گىرام بادىيان 30 گىرام تاۋۇز ئۇرۇقى 30 گىرام قاپاق ئۇرۇقى 30 گىرام يۇقارقى دورىلارنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ خەشخاش شەربىتى بىلەن قۇشۇپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ. سۇيدۇك ھەيدىگۇچى دورىلارغا مامىرانچىنى تالقىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇشۇپ ئىشلەتسە سۇيدۇك يولنى تازىلاشقا پايدىلىق. مۇرەككەپ دورىلاردىن : شەربىتى بنەخشە، ئەرەقى شوخلا، ئەرەقى كاكنەچ، ئەرەقى چۆپچىن شەربىتى ئوشبە قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. قۇرسى كاكنەچ، قۇرۇسى بانادۇق ماددىنى تارقىتىش يۇمشىتىش مەخسىتىدە توۋەندىكى زىمات ئىشلىتىلىدۇ. بابۇنە 15 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گىرام كاللا پاچىقىنىڭ يىلىكى 20 گىرام ئىكللىمك 15 گىرام مۇقەل 15 گىرام توخايىغى 10 گىرام شومشا 10 گىرام ئوشەق 15 گىرام قائىدەبويىچە زىمات تەييارلاپ چىپىلىدۇ. بۇ جەھەتتە توۋەندىكى ۋاننا نىڭ  ئونۇمى ياخشى : زىغىر 20 گىرام بسىتى پايىچ 20 گىرام شومشا 20 گىرام بىنەىشە 20 گىرام ئەنجەرقىقى 5 دانە ئادىراسمان ئۇرۇقى 20 گىرام .سۇيدۇك ھەيدەش، يات ماددىلارنى تازلاش مەخسىتىدە: بۇزورى شەربىتى بىرىلىدۇ. تەرخەمەك ئۇرۇقى 10 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقى 10 گىرام  قوغۇن ئۇرۇقى 10 گىرام بادىيان 15 گىرام ئىسپىغۇل  7 گىرام كاكىنەچ 15 گىرام قاينىتىپ ئىچىدۇ. پۇتۇن بەدەن ئىغىرلىشىش ۋە بەل ئاغىرىشقا قارىتا:بىج بادىيان 30 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقى 15 گىرام ئاسارۇن 15 گىرام  بىخ كىرەخشە 30 گىرام بادىيان 15 گىرام بىخ سۇس 10 گىرام ئىزىخىر 30 گىرام رۇم بادىيان 15 گىرام زەنجىبىل 10 گىرام بوزدىيان 8 گىرام ھەسەل 500 گىرام سوزۇنجان 8 گىرام  1 كىلو گىرام شەربەت تەييارلاپ 100 لىتىر دىن ئىچىدۇ. تامقىغا: نوقۇت شەربىتى، توخوگۇشى، سۇت قىززتمىسى يانغاندىن كىيىن، بۇغداي، ماش، زىيادە قۇرۇق ئىسىق ۋە تۇزلۇق يىمەكلىكلەردىن پەرىمىزقىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button