بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۆرەك تاش كېسەللىكى

 تۇنۇش:

بۆرەك تاش كېسەللىكى-ھەرخىل سەۋەبلەردىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك قاتارلىق ئەزالاردا تاش پەيدا بولۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۆرەك جامى بوشلۇقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن سۈيدۈكلۈك،سۈيدۈكلۇك قانىلى، سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

يۇقۇملىنىشلار،سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىلىرىدا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ ياللۇغلانغان ئورۇنداىن تۆكۈلۈپ چۇشكەن توقۇلمىلار ئۆز-ئارا كاللەكلىشىپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

توسۇلۇش پەيدا بولۇش:توسۇلۇش سەۋەبىدىن سۈيدۈك راۋان بولماي سۈيدۈك تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار چۆكمىگە چۇشۇپ تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

ئۇزۇقلىنىش ناچارلىشش:يېڭى تەتقىقاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يېمەكلىكلەر تەركىۋىدىكى ۋىتامىن A كەم بولسا تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۇنكى بۇ ماددا كەم بولسا سۈيدۈك نەيچىلىرى شىللىق پەردىلىرىدە سۇ چۇشۇشنى پەيدا قىلىپ تاش شەكىللەندۇرىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىقى:قالقانسىمان يان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەندە قاندىكى كالتىسى ماددىسى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈكتىكى بىر قىسىم ماددىلار ئاسانلا چۆكمىگە چۇشۇپ تاش پەيدا بولۇشقا شارائىت ھازىرلايدۇ.

ئالامىتى:

ئاساسلىق ئالامىتى بەل ئاغرىش بولۇپ، بەل ساھەسى دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىش 12-كۆكرەك ئۇمۇرتقىسى بىلەن 2-3-بەل ئۇمۇرىتقىسى ئارقىسىدا بولىدۇ. ئاغرىش كىندىك ساھەسىدە بولىدۇ. ئاغرىش ئۇرۇقدان،سىرىتقى جىنسىي ئەزالارغا قەدەر تارقىلىدۇ. بەزىدە ئاغرىش تۇيۇقسىز كۈچلۈك بولىدۇ. ئاغرىشنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىمار ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ. بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ. ئاغرىش ھەر قېتىمدا بىر قانچە مىنوت بىر قانچە سائەت تۇتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قان سىيىش كۆرۈلىدۇ.

 داۋالاش پىرىنسىپى

تاشنى پارچىلاش،تاشنى چۈشۈرۈش،ئارغىق پەسەيتىش،ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button