بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى

تونۇش : ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى بۆرەكنىڭ جىددى ياللۇغلىنىشى ئادەتتە بۆرەكنىڭ ئىسىقتىن بولغان ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆرەكنىڭ جەۋھەر قىسمى، يەنى بۆرەك شارچىلىرى ۋە ئەگرى نەي چىللىرى ياللۇغلىندىغان، سۈيدۈك چىقىرىش خىزمىتى زور دەرىجىدە تۈۋەنلەپ پۈتۈن بەدەندە سۇلۇق ئىشىق يۈز بىردىغان بىر خىل ئۇمۇمى بەدەنلىك كېسەلىكلىدۇر.

 سەۋەبى: پۈتۈن بەدەن سوغوقتا قېلىپ ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغوق ئۈتۈپ ياكى يۇقۇملۇق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسلەن، ئۈچەي كېزىكى، قىزىل، چىچەك، بەزگەك، خولىرا، سەرسان، بوغما ۋە بىر قىسىم تىرە كېسەلىكلىرى بىلەن ئاغرىپ، پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاپ تۇرغان پەيىتتە خىناق ( ئانگىنا-بۇغۇز ياللۇغى)، بادامچە بەزلەر ياللۇغى، يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن ئاغرىپ قان يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ياكى سەپراۋى قان بۆرەككە تەسىر قىلىپ ، ئۇنىڭدا مەلەۇم غىدىقلىنىش پەيدا قىلغاندىن كىيىن، ئۈچ ھەپتە ئارلىقىدا قايتا يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، بۆرەك ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش بارلىققا كىلىدۇ. بەزى جەرراھىيە ئەمەليەتلىردىن قارىغاندا، باكتىريەنىڭ قان ئارقىلىق بۆرەككە كىلىپ قېلىشىدىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىدۇ. تەمرەتكە، تىلما قاتارلىق كېسەلىكلەر بىلەن ئاغرىغاندىن كىيىنمۇ بۆرەك ياللۇغلىنىشى مۇمكىن.

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى كۆپۈنچە قان ئىرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتىريە تەرپىدىن پەيدا بۇلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ئېرسى كېسەللىك ئەمەس، ئەمما ئائىلىدە بىر كىشى بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىسا، شۇ ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى ئاغرىيدىغان ئەھۋالارمۇ كۆرۈلىدۇ.

ھەممگە ئايانكى، سوغوق ۋە ھۆل-يىغىن كۆپ مەۋسۇملاردا، زەيلىك ۋە كىشلەر  زىچ توپلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان مۇھىتتا ھەمدە ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن زىيادە چارچىغان پەيىتلەردە يۇقۇرقى نەپەس يوللىرنىڭ كېسەللىكلىرى ئاسانلا پەيدا بۇلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىمۇ دەل شۇنداق پەسىل ۋە پەيىتلەردە سادىر بۇلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قېنق چايلارنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىقلىق يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىقلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق جايلاردا يۈرۈش قاتارلىقلارمۇ ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

كېسەللىك ئىپادىلىرى: ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئىپادىلىرى ھەمىشە جىددى باشلىندۇ. ئەگەر ئۇزاققىچە ساقايمىسا سۇزۇلما شەكلىگە ئۆزگىردۇ. كېسەل كىشىنىڭ بەدىنى قىزىيدۇ، بېشى ئاغرىيدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، ئۇسۇزلۇق يۈز بىرىدۇ. سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. پات-پات سۈيدۇك قىستايدۇ. بۆرەك ئورنىدا ئېغىرلىق ھىس قىلىندۇ. قۇسسا سەپرا قۇشۇلۇپ سېرىق ناھايىتى سېسىق قۇسىدۇ. ئالدى-ئارقا تەرەت تەسلىكتە كىلىدۇ. ئەگەر بۇزۇق قان تۈپەيلىدىن بۆرەك ئىشىغان بولسا ئاغىرىش زىيادە بۇلىدۇ.

ئەگەر سەپرادىن ئىشىغان بولسا، ئۇسۇلۇق تۇلا بۇلىدۇ. چوڭ تەرەت سېرىق كىلىدۇ ۋە سەپرا ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلىك ئالامەتلىرى قۇشۇلۇپ كېلىدۇ، بەزىدە بۆرەكنىڭ ياللۇغى ئېغىر بولغانلىقتىن قاتتىق ئاغرىپ، ھۇشىدىن كەتكۈزىشىمۇ مۇمكىن.

بۆرەكنىڭ ياللۇغلىنىشىدا بۆرەكتە تاش تۇرۇش، تاياق تىگىش، يېقىلىش ياكى ئېغىر بىر نەرسىنى بىلىگە تېڭىپ يۈرۈش، بۆرەك ئۇدۇلغا داۋاملىق سوغوق تەسىر قىلىش، ياكى ھەمشە سۈيدۈك قىستىغان چاغدا تەرەت قىلماي قىسىۋېلىشلارنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بۇلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئىسسىتما يۇقۇرى ۋە داۋاملىق بۇلىدۇ. تەشنالىق كۈچلۈك، بۆرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق بۇلىدۇ. تۇمۇرى ئىنىچكە سالىدۇ. ئەگەر ياللۇغ بۆرەكنىڭ ئۈزىدە بولسا، ئاغرىق بىر يەردە بىلىنىدۇ. ئەگەر بۆرەك پەردىسىدە بولسا بۆرەكنىڭ يۇقىرى تەرىپى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بېلىنى تۈزلىيەلمەيدۇ. چۈشكۈرەلمەيدۇ. ئوڭدا يېتىش ئەپلىكرەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش ئوڭايراق بولسا، جىگەرگە يىقىن بولسا، ياللۇغنىڭ ئوڭ بۆرەكتە، ئەگەر ئاغرىق دوۋسۇنغا يىقىن جايدا بىلىنسە ياللۇغ سول بۆرەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ. ھەر ئىككى بۆرەك ياللۇغلانغاندا، ھەر ئىككى ئىنىچكە بەل ئاغرىيدۇ. مەڭزى قىزىرىپ، كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ. سۈيدۈكىنى تەكشۈرگەندە چۆكمە، تېرە پوستى ۋە قان پارچىلىرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. كېسەل ئۆتكۈر باسقۇچقا يەتكەندە سۈيدۈك پەقەت كەلمەيدۇ. ئىچكى ئەزانى سۇ قاپلاپ پۈتۈن بەدەن ئىشىپ كېتىدۇ.

داۋالاش: بۇ خىل بۆرەك ياللۇغىدا پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلارنى ھەيدەپ بۆرەككە يىغىپ، كېسەللىكنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، داۋالاشنىڭ دەسلىپىدە كۈچلۈك سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورىلارنى، كۈچلۈك سۈرگۈلەرنى بەرمەي، ئالدى بىلەن شەربەت دورىلار بىلەن ماددىنىڭ قۇيۇقلىقىنى تەڭشەش، ئاندىن ھەمەل قىلىپ ئۇلارنى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

مەسلەن، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، زىغىر، ئارپا سۈيى، گۈل يېغى، پۇنۇسلاردىن سۈرگە ياكى ھۆقنە دورىسى راسلاپ ئىشلىتىلسە بۆرەك ياللۇغىدا ئۈنۈمى ياخشى.

ئاندىن بىنەفشە شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، بىھى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى، ئسپىغۇل شىرىسى، ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسىنى ئىچىشكە بىرىش لازىم. ئارپا ئۇنىنى شوخلەك سۈيىدە ئېزىلگەن سەندەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ، ئاغرىق تەرەپتىكى بۆرەك ئۈستىگە سىرىتتىن چاپسا ئىششىقنى ياندۇرۇشقا يادەم بىرىدۇ.

ئەگەر كېسەل كىشى قەۋزىيەت بولسا، ئانار سۈيىگە پۇنۇسنى چىلاپ تاتلىقىنى چىقىرىپ، بادام يېغى، تەرەنجىۋىل قۇشۇپ بىرىش كېرەك.

بىنەپشە شەربىتىنىڭ نۇسخىسى: تەركىبى: بىنەفشە 30 گىرام، نىلۇپەر15 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12 گىرام، چىلان 15 گىرام، شوخلا 15 گىرام، سەۋسەن يىلتىزى 5 گىرام، كاكىنەچ 3 گىرام، شېكەر 300 گىرام.

ياسىلىشى: گۈل دورىلاردىن باشقىسىنى تۆت چىنە قايناق سۇغا 3 سائەت ئەتراپىدا چىلاپ، ئىككى چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ئاخىردا گۈل دورىلارنى سېلىپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۋېلىپ، شىكەر سېلىپ قىيام قىلىنىپ پاكىز شىشە قاچىدا ساقلىندۇ.

تەبئىتى: سوغوق. ئىشلىتىش مىقدارى: بىمارنىڭ ئەھۋەلىغا قاراپ 15~30 گىرامغىچە ئىچىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button