سەھىپە ئايرىلمىغاننەپەس يولى كېسەللىكلىرى

يۆتەل كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

 يۆتەل

 يۆتەل-كاناي ۋە كاناي شاخچىلىرى ،ئۆپكە ۋە ئۆپكە پەردىلىرىنىڭ ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەردىن قوغدىنىش ئۆزىنى ساقلاش يەنى غەيرى تەبىئى ماددىلارنى ئۆزىدىن چەتلەشتۇرۇش ھەيدەپ چىقىرىش ئۇچۇن قىلغان تەبىئى ھەركىتىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇستەقىل بىر كېسەللىك ئەمەس، يۆتەلنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۇرى كۆپ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ.

يۆتەلنىڭ سەۋەبلىرى ئۇچ چوڭ تۇرگە بۆلىنىدۇ.

1)خلىتسىز سەۋەبدىن مىزاجنىڭ بوزۇلىشى (سوئى مىزاج)دىن كېلىپ چىقىدۇ.

2)ئەزالاردا يۇز بەرگەن ئىششىق،جاراھەت ۋە يارىلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

3)نەپەس ئەزالىرىغا يات نەرسىلەرنىڭ كېرىپ قېلىشى مەسىلەن:سوغۇق شامال،بۇس،تۇتۇن،چاڭ-تۇزاڭلار ياكى دىققەتسىزلىكتىن سۇ ۋە تاماق مادىدلارنىڭ كانايغا كېتىپ قېلىشى قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مۇھىم ئەزا ۋە قوشنا ئەزالارنىڭ مىزاج بوزۇلىشى تۇپەيلىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:زۇكامدىن مېڭە مىزاجى بوزۇلۇپ نەزلە سۇيى (مەيلى قىززىق ياكى سوغۇق)بولسۇن كاناي ۋە ئۆپكىگە چۇشسە يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. قىزىل ئوڭگەچ،ئاشقازان،جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىر قىسىم كېسەللىكلىرىدە كېسەللىك ئىللىتى ئۆپكە ياكى ئۇنىڭ پەردىلىرىنى غىدىقلاپ يۆتەلنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. كاناي ،شاخچە كاناي ئۆپكە ۋە ئۆپكىنى قاپلاپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ كېسەللىكلىرىدىنمۇ يۆتەل پەيدا بولىدۇ، ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بەزى يۇرەك كېسەللىكلىرىددىنمۇ يۆتەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇمۇمەن ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەپلىرى:ئەسبابى بادى(دەسلەپكى سەەب)، ئەسبابى ۋاسلى(يەتكۇزگۇچى سەۋەب)، ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەندىكى سەۋەب)دەپ ئۇچ خىلغا بۆلىنىدۇ.

مىزاجى سوغۇقتىن ئۆزگەرگەن كىشىنىڭ ئۆپكىگە تاشقىرىدىن سوغوق شامال كېرىپ تەسىرى قىلىشى ياكى مىزاج ئىسسىق بولغان كېشىنىڭ ئۆپكە ساھەسىگە ئىسسىق بىر نەرسە تەسىر قىلىش تۇتۇن، بوس،چاڭ-توزاڭ ياكى ھاۋاغا ئارىلاشقان ئىسسىق سېسىق نەرسىلەرنڭ زەھەرلىك گازلارنىڭ تەسىر قىلىشى قاتارلىقلار ئەسبابى بادى (دەسلەپكى سەۋەپ) بولىدۇ.

بەدەننىڭ ئۆزىدە بولغان سەۋەپلەر مەسىلەن:سازەج (خىلىتسىز)ياكى ماددا خىلىتلىق بولسۇن مىزاقى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ تەبىئى غەيرى تەبىئىگە ئۆزگىرىش قاتارلىقلار ئەسسابى ۋاسىلە (يتكۇزگۇچى ۋاستە)بولىدۇ. سوئى مىزاج سازەج ھار (ماددىسىز ئىسسىقتىن بوزۇلۇش)ياكى سوئىل مىزاج سازەج بارىد(ماددىسىز سوغۇقتىن بوزۇلۇش)سوئى مىزاج ھار ماددىي(ماددىلىق ئىسسىقتىن بوزۇلۇش)سوئى مىزاج ماددى بارىد(ماددىلىق سوغۇقتىن بوزۇلۇش)دىگەنلەرگە ئوخشاش مىڭىدىن كەلگەن نەزلە سۇيى ئۆپكە،كاناي،قىزىل ئوڭگەچ،ئاشقازان قاتارلىق ئۆپكە بىلەن يېقىن ئەزالارغا چۇشۇش سەۋەبى بىلەن بۇ ئەزالاردا ئىششىق جاراھەت پەيدا قىلسا بۇمۇ ئەسبابى ۋاسىلە(يەتكۇزگۇچى ۋاستە)قاتارىغا كېرىدۇ. ئەسبابى ۋاسىلە سەۋدادىن كەمرەك ئۇچرايدۇ.

بەدەندە بولغان ئەسبابى ۋاسىلە سەۋەپلەرنىڭ ئۆتۇشى ئەسبابى سابىقە (ئۆتكەن سەۋەب)بولىدۇ. مەسىلەن:جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمار داۋالاش ئارقىلىق ساقايغان،لىكىن جىگەر كېسەللىكلىرىگە قارىتا بېرىلگەن دورىلار ئۆپكىگە يامان تەسىر كۆرسىتىپ يۆتەلنى پەيدا قىلغان، مانا بۇ ئەسبابى سابىقە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلەن:كېزىك،تەپ،ۋابا قاتارلىقلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.

يۆتەل ئادەتتە قورۇق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل (بەلغەملىك يۆتەل)دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. قايسى سەۋەپتىن بولسۇن بەلغەم ياكى باشقا سۇيۇقلۇق كەلمىسە قۇرۇق يۆتەل دىيلىدۇ، قۇرۇق يۆتەل كۆپۇنچە قۇرۇق ئىسسىق قۇرۇق سوغۇق (ماددىلىق ياكى ماددىسىز)كېسەللىكلەردە كۆرىلىدۇ. يۆتەلگەندە بەلغەم-كۇچلۇكرەك سۇيۇقلۇق ياكى يېرىڭلىق خەپرۇك كەلسە ھۆل يۆتەل دىيلىدۇ. ھۆل يۆتەل كۆپۇنچە ھۆل ئىسسىق ياكى ھۆل سوغۇق (ماددىلىق ياكى ماددىسىز)كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button