كانايچە زىققا كېسەللىكى سەۋەبى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى
نايچە زىققىسى
تۇنۇش
كانايچە زىققىسى-بىرخىل كۆپ ئۇچرايدىغان تۇتقاقلىق تۇتىدىغان ۋە ھەسساسىيەتكە (زىيادە سىزىمچانلىققا)باغلىنىشلىق كېسەللىك بولۇپ بۇ خىل كېسەل پەسىل خاراكتېرلىك بولىدۇ.
سەۋەبى
بۇ خىل كېسەل زىيادە سىزىمچانلاشتۇرۇغان نەرسىلەر،گۇل،قۇرۇق چۆپ،بوغداي ئرمىسى،تۇگمەندىكى ئۇن چاڭلىرىغا يولۇقۇش،تالقان سۇپۇق،بەزى بىر تېرە مەھسۇلاتلىرىغا يېقىن يولاش بىلەن كېسەل قوزغىلىدۇ. كېسەل تۇتقان چاغدا ئىنچىكە كاناي سىلىق مۇسكۇللىرى تەشەننۇچلىنىش،شىللىق پەردە سۇلۇق ئىششىق ۋە ئاجرالمىلار كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئالامىتى
ئاساسلىقى دەم سىقىلىش،ھاسىراشتىن ئىبارەت بولۇپ كېسەللىك تۇتقاقلىق تۇتىدۇ. قىسقا بولسا يېرىم سائەتلەردە ئۇزاق بولغاندا بىر نەچچە سائەتتە قويۇپ بېرىلىدۇ، بەزىدە تۇتۇش بىلەن بىللە تۇتقاقلىق يۆتەل ۋە شىلىمشىق كۆپۇكلۇك بەلغەم بىللە كېلىدۇ.
بەدەن بەلگىلىرى: كېسەل تۇتقان چاغدا بىمار ھاسىراش ھالىتىدە بولۇپ، نەپەس چىقىرىش، مەنبەلىك نەپەس قىينلىشش،ئېغىرلىرىدا زوڭزىيىش،ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىش، نەپەسلىنىشكە كۇچىيىش،ئىككى مۆرە كۆتۇرلۇش،ماڭلاي سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئىپادىلەر بولۇپ كۆپىنچىدە بىمارنىڭ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كېتىدۇ.چىرايىدىن ئېغىر ئازاپلىنىش قىياپىتى كۆرىلىدۇ. كۆكرىكى تولغان ھالەتتە كۆرىنىدۇ. تۇتۇپ تەكشۇرگەندە ئاۋاز تىتىرەش ئاجىزلىشىدۇ.چىكىپ تەكشۇرگەندە زىيادە ئۇچۇق تاۋۇش چىقىدۇ، ئۆپكە تۇۋىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ھەركەت دائىرسى كېچىكلىشىدۇ، تىڭشاپ تەكشۇرگەندە ئىككى تەرەپ ئۆپكىدىن تارقاق غىژ-غىژ تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. بەزىدە ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ.