زىققا كېسىلىنىڭ شىپاسى
بىر دوستۇمنىڭ ئىنىسى زىققا كېسىلى بىلەن ئاغرىپتۇ، ئوقۇشنىمۇ تاشلاپتۇ، ياتمىغان ئاغرىقخانىسى، يېمىگەن دورىسى، ئالمىغان ئۇكۇلى قالماپتۇ. شۇ كۇنلەدە ئۇ ئاقساقال بىر بوۋاي بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ-دە، سۆزدىن سۆز چىقىپ قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
-بىر پارچە يېڭى كالا گۆشىنى تاپ،- دەپتۇ ئۇ ئاق ساقاللىق بوۋاي.
-ئۇنى بىر دانە يىلان گۆشىگە ئارىلاشتۇرۇپ راسا چاناپ، بىر ئاپقۇر چۆچۈرە ئەتكۈزۈپ ئىنىڭغا ئىچكۈز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئېسىل دورىنى تاپالمايسەن.
دوستۇم ئۇ بوۋاينىڭ دېگىنىنى قىلىپتۇ. شۇ كېچىسى ئىنىسى دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاپتۇ. راسا تەرلىگەنمۇ بولسا كېرەك، ئەتىسى يۆتىلىمۇ كەسكىن ئازىيىپتۇ. بالا ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى ئوبدانلا ھېس قىلىپتۇ. كالا گۆشى بىلەن يىلان گۆشىنى ئارىلاشتۇرۇپ چۆچۈرە ئىتىپ بىر قانچە قېتىم يەپلا زىققا كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپتۇ.
ياكى بولمىسا ئۆچكە گۆشى بىلەن يىلان گۆشىنى قازاندا تازا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئۆچكە گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچىپ بەرسىمۇ زىققا كېسىلىگە كۆرۈنەرلىك مەنپەت قىلىدۇ.