ئەگەر سىزدە تۈرلۈك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بولسا
1 .چامغۇر ئۇرۇقى مەئجۈنى: چامغۇر ئۇرۇقىدىن 300 گرام، كۈنجۈتتىن 100 گرامنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، بۇنىڭغا كۆك ۋاسالغۇ ئۈزۈمنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى كىلوگرام چېكىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چامغۇر ئۇرۇقى مەئجۈنى تەييارلىنىدۇ. كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا گۈلىدەك چوڭلۇقتا يەپ بەرسە كۆكسى چىڭقىلىش،نەپەس قىيىنلىنىش، دەم سىقىلىش، قان تۈكۈرۈش ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
2. چامغۇر ئۇرۇقى چىلانمىسى: يەنى يۇمشاق سوقۇلغان 10 گرام چامغۇرئۇرۇقى تالقىنى بىلەن 15 گرام كۆك ۋاسالغۇ ئۈزۈمنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر چىنە قايناق سۇ قويۇپ بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، كۈندە تاماقتىن بۇرۇن ئىچسە نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكسى چىڭقىلىش، زىققى ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. چامغۇر شورپىسى: مۇۋاپىق مىقداردىكى پاقلان گۆشى شورپىسىغا ھەر قېتىمدا 4-5 باش چامغۇرنى ياپىلاق قىلىپ سېلىپ ئۈستىگە ئاقمۇچ، زىرە، پىننە قاتارلىق دورا-دەرمەكلەردىن سېلىپ ئوبدان پىشقاندىن كېيىن، چامغۇرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە گۆشىدىن ھەم شورپىسىدىن مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا تۈرلۈك ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
4. چامغۇر ۋە چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە تاماققا مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ ئىستېمال قىلسا، تۈلۈك ئۆپكە كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ