ئۆپكىنى قۇۋەتلەيدىغان ، پايدىلىق يىمەكلىكلەر
ئۆپكە پۈتۈن چاڭ توزاڭ مىكروپلارنى سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئۆپكىنى ئاسىرا ش ئىنتايىن مۇھىم ، تۆۋەندە ئۆپكىنى ئاسىرايىدىغان ، ئۆپكىگە پايدىلىق بولغان بىرقانچە يىمەكلىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. نەشپۈت
نەشپۈت بولسا يىيىشلىك ھەم سۇلۇق، تەركىبىدە %85 سۇ بار، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىيتامىن ۋە كالتىسى، سىنىك، يۈمۈر، يود قاتارلىق ، مىكرو ئېلىمىنىتلار بار ، شۇڭا قەدىمدىن يارتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن مېۋىلەرنىڭ بىرى، كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق ، نەملىك مىقدارى تۆۋەن، ئەگەر ھەر كۈنى بىر تال نەشپۈت يىيشىنى داۋاملاشتۇرغاندا قۇرۇق ئىسسىقنى بېسىپ ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
ئەڭ ياخشى يىيىش ئۇسسۇلى؛ نەشپۈت ئىستىمال قىلغاندا نەپەسلىنىش ئەزالىرى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىققان گال قۇرغاق بۇلۇش، قىچىشىش، ئاغرىش ، ئاۋاز غاراڭ- غۇرۇڭ چىقىش ، قەۋزىيەت ، قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەگەر ناۋات بىلەن نەشپۈتنى بىللە پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، بەلغەمنى يوقىتىپ ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا شامالدارىش ، بۇغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ پايدىلىق. يەنە نەشپۈتنى ھەسەل بىلە بىللە قۇشۇپ ئىستىمال قىلغاندىمۇ ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بۇلىدۇ، يەنە بىرسىگە ئۆرۈك مېغىزى بىلەن بىللە قۇشۇپ ئىستىمال قىلغاندىمۇ ئۇيقىنى ياخشىلاپ، گال قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. خاسىڭ.
خاسىڭ بولسا مۆتىدىل ، تەملىك، تالغا ماس كىلىدۇ، ئۆپكىنى تازلايدۇ، تال ، ئاشقازاننىڭ ھەركىتىنى ياخشى قىلىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقداپ ، بەلغەمنى يوقىتىدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، يكتەلنى توختىتىدۇ، قاننى تازلايدۇ، تېرىدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئاياللار سۈت ئاز بۇلۇش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ.
ئەڭ ياخشى ئىستىمال قىلىش ئۇسسۇلى ؛ خاسىڭنى ئەڭ ياخشىسى بىر سۇدا پىشۇرۋېتىپ يىگەن ياخشى، يىشقان خاسىڭنى يىگەندىن كىيىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. خاسىڭنىڭ ئۈستىدىكى پوستى بولسا تالالىق ئاقسىلنىڭ ئېرىپ كىتىشىنى توسايدۇ، قان پىلازمىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە قان پىلازمىسى ئاز بۇلۇش، كۆپ قان چىقىپ كىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خاسىڭنى ئەڭ ياخشىسى قىزىل چىلان بىلەن بىللكە ئىستىمال قىلغاندا تالنى قۇۋەتلەپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان توختۇتۇش، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساق شوۋگۈرۈچى.
ۈلسامساقنىڭ تەمى ياخشى بىرئاز قىرتاق ، مۆتىدىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىيتامىن، كاروتىن قاتارلىق تەركىبلەر بار بۇلۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، گۈل سامساق بولسا ئۆپكىنى سىلىقداپ ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۈل سامساقنى شوۋگۈرۈچ قىلىپ ئىچكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ تەملىك بۇلىدۇ، ھەم ئۇيقىنىمۇ ياخشىلايدۇ.
پىچەكگۈل .
پىچەكگۈلنىڭ “ پەرىزاتلارنىڭ يىمەكلىكى “ دىگەن نامى بار ، يەنە “ دورىلىق ئۈسۈملۈك “ دىگەن نامىمۇ بار، پىچەكگۈل تەركىبىدە كىراخمال ئېنزىمى ، پوللىفىنول ئوسىدازا قاتارلىق تەركىبلەردىن تەركىپ تاپقان، بۇ ئېلىمىنىتلار تالنى قۇۋەتلەپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، پىچەكگۈل تەركىبىدە يەنە يېپىشقاق ئاقسىل ، ۋىيتامىن، مىكرو ئېلىمىنىتلار بار بۇلۇپ قاندا ماي ئارتىش ، قان يېپىشقاقلىق يۇقىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.