3. غىزائى داۋايى
ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەسلەپتە ئوزۇقلۇق رولىنى ئويناپ، كېيىن دورىلىق ( شىپالىق ) رولىنى ئۆتەيدىغان غىزالارنى كۆرسىتىدۇ.
غىزائى داۋائى گەرچە ئۆزى مۇستەقىل دورا ھېسابلانمىسىمۇ ، ئەمما ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ياكى ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قوشۇمچە دورىلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئورگانىزمدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: تۇرۇپ ۋە چامغۇرنى ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلانغان ھەرخىل غىزالارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپتە بەدەنگە ئوزۇق بولۇپ، ئاندىن سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، تەرەتنى يۇمشىتىپ، قەۋزىيەتنى يوقىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، بەدەندىكى ھەرخىل ۋىتامىن ۋە باشقا ماددىلارنى تولۇقلاش، سەپرا خىلىتى ۋە قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
گەرچە بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر مۇتلەق غىزالاردىمۇ نىسبەتەن بولسىمۇ، ئەمما غىزائى داۋائىنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى كۆرۈنەرلىك، شۇنداقلا ئادەتتە ئاساسلىق غىزالار سۈپىتىدە كەم ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار: رولى تېز، تەبىئىتى نىسبەتەن يۇقىرى ( ئىسسىق ۋە سوغۇقلۇقى ) بولغان ھەرخىل مېۋە- چېۋىلەر، مەسىلەن: ئالما، نەشپۈت، ئامۇت، ئانار، شاپتۇل، ئۈژمە، ئۈزۈم، ئەنجۈر، بېھى، ئەينۇلا، تەمرى ھىندى، خورما، تاۋۇز قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلانغان ھەرخىل غىزالار.
دورىلىق خۇسۇسىيىتى بولغان كۆكتاتلار، مەسىلەن: ئوسۇڭ، تۇرۇپ، كاللەكبەسەي، تەرخەمەك، سەۋزە، شوخلا، قىزىلمۇچ، سەي كاۋىسى، قاپاق، ئەگرىسۇناي قاتارلىقلار.
ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە تېزلا خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىىتەلەيدىغان ھەرخىل غىزالار، مەسىلەن: كاللا- پاچاق شورپىسى، يۇمغاقسۈت ۋە ئەينۇلا سېلىنغان شىيرەگۈرۈچ، ھەرخىل دورىلىق ئۇماچ ۋە شىيرە ئاش، مېۋە سۇلىرى قاتارلىقلار غىزائى داۋائى قاتارىغا كىرىدۇ.
داۋائى غىزايى
ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن دورىلىق ( شىپالىق ) رولىنى ئويناپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان غىزالارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قىزىلگۈل گۈلقەنتى، پىننە گۈلقەنتى، جىگدە چېچىكى گۈلقەنتى، رەيھان گۈلقەنتى، ئانار گۈلقەنتى، ئانار شەربىتى، ئالما شەربىتى، بېھى شەربىتى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ئەينۇلا مۇرابباسى، سەۋزە مۈرابباسى، ھەسەل، بادام، پىستە، چىلغوزا، ياڭاق مېغىزى ۋە شۇ خىلدىكى مېغىز دورىلاردا ياسالغان ھەرخىل ھالۋىلار ۋە يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى غىزالارنىڭ تۈرى بەك كۆپ، مەسىلەن: قىزىلگۈل گۈلەنتىنى ئالساق، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىشىنى كۈچەيتىپ، جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۆپكە سىلىگە مەنپەئەت قىلىش، يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش قاتارلق خۇسۇسىيەتلىرىنى بېرىشتىن باشقا بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ دەسلەپتە دورىلىق رول ئويناپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بىمارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن 3 خىل ئوزۇقلۇقنى ئۆزئارا تەڭشەپ بېرىش ياكى ماس كەلمەيدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن چەكلەش ( پەرھىز قىلدۇرۇش ) ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ تېزراق ساقىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
غىزالارنىڭ يۇقىرىقىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنۈشىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپ ھۆكۈمالىرى غىزالارنىڭ غىزالىق ۋە دورىلىق رولىغا ئاساسەن بۆلگەن بولۇپ، يۇقىرىقىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ، مەزمۇنىنى نېخىمۇ بېيىتىشقا تېخىمۇ ئىنچىكىلەشكە توغرا كېلىدۇ.