2. غەلىز غىزالار
قۇۋۋىتى يۇقىرى بولسىمۇ تەس ھەزىم بولىدىغان، ئۆزى نىسبەتەن قويۇق، ھەزىم بولغاندىن كېيىن قوشۇمچە تەسىرى ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولغان غىزالار بولۇپ، «كەسىف غىزالار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كۆپىنچە كېسەللىكلەرگە پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
بۇ خىل غىزالارنى تېنى ساغلام، ئىشتىھاسى ئوبدان، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ساق ھەم ياخشى، ئومۇمىي بەدەن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلىۋاتقان، ئورگانىزىمنىڭ ھەرقايسى سىستېما ئەزالىرى كۈچلەندۈرۈش ۋە قۇۋۋەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.
غەلىز غىزالار – غىزالار ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خام ئەشيالارنىڭ تەبىئىتى، قويۇقلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەزىم بولغاندىن كېيىنكى قوشۇمچە تەسىرى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى، يەل پەيدا قىلىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەس ھەزىم بولىدىغان غىزالار، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالار، قاننى بۇزىدىغان غىدىقلىغۇچى غىزالار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
غەلىز غىزالار كۆپىنچە كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ياكى كېسەل قوزغاتقۇچى ئامىلى بولغاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەر ۋە بىر قىسىم ساق كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ ياكى ئېھتىيات بىلەن ( تۈزەتكۈچىلىرىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش، مىقدارى ئاز بولۇش دېگەنگە ئوخشىغان) ئىستېمال قىلىش تاپشۇرۇقى بۇيرۇلىدۇ.
1) تەس ھەزىم بولىدىغان غىزالار:
ھەزم بولۇشى تەس بولغان، ئۆزى قويۇق، قۇۋۋىتى يۇقىرى، تەبىئىتى ئىسسىق بولغان غىزالار بولۇپ، ئۇلار ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كالا گۆشى، قوتاز گۆشى، ئۆردەك گۆشى، غاز گۆشى، گۆش گىردە، گۆش نان، پېتىرمانتا، قۇيماق، ياغلىق توقاچ، پوشكال، پولۇ، مىفەن، زىخ كاۋاپ، قېزا، بېلىق كاۋاپ، جىگەر كاۋاپ، باقالى، قوناق چۈچۈرىسى، كاللا-پاچاق ، لەغمەن، غاز كاۋىپى، ئۆپكە – ھېسىپ، خورما، ياڭاق ماتىڭى، ياڭيۇ ( مەككى چامغۇرى )، ئۇندىن باشقا پىشمىغان، خام قالغان ھەرخىل تاماقلار.
2) يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالار:
ھەزىم بولۇشى تەس، ھەزىم بولۇش جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن، ھەزىم بولۇش جەريانىدا يەل پەيدا قىلىدىغان، ئورگانىزمدا ئاسانلا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان غىزالار بولۇپ، تونۇر كاۋىپى قىلىنغان كالا، تۆگە، قوتاز، قېرى قوي، ئۆچكە گۆشلىرى، دۈملەپ پىشۇرۇلغان ھەرخىل گۆشلەر، كالا گۆشىدە ياققان گۆش گىردە، ھوردا پىشۇرۇلغان مانتا، خوشاڭ، ھورنان، سامبۇسا ، يوتازا ، قىيما كۆمەچ ، قوقاستا پىشۇرۇلغان توخۇ ، ئۆردەك ، غاز تۇخۇملىرى، قوغۇن، ئۆرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، پىياز، كۈدە، ئۇنىڭدىن باشقا پىشمىغان ھەرخىل مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلار.
3) قاننى بۇزىدىغان غىدىقلىغۇچى غىزالار:
ئۆزى ئاچچىق، ئۆتكۈر، تەبىئىتى ئىسسىق، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قوشۇمچە تەسىرى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بولغان غىزالار بولۇپ، ئات گۆشى، سۈرلەنگەن ئات گۆشى، سۈرلەنگەن قوتاز گۆشى، قورۇلغان بېلىق گۆشى، تۇزلانغان ئات، قوي، كالا، قوتاز، بېلىق گۆشلىرى، كىيىك گۆشى، جەرەن گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى، ئاچچىق توخۇ قورۇمىسى، ئاچچىق بېلىق قورۇمىسى، لەڭپۇڭ، راڭپىزا، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، مانگو، سامساق، ھەرخىل ئېچىتما سەيلەر، تۇرۇپ قالغان، بۇزۇلغان، كۆيۈپ كەتكەن، ھەرخىل تاماقلار، ئۇندىن باشقا، بۇزۇلغان- چىرىگەن مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلار.