ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﻟﯜپ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى دەرەخ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺧﺎم ، ﭼﺎلاﭘﯩﺸﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻪﯨﺮى ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪۇ ( ﻏﻮزا، ﻏﻮراپ ﺋﯜزۈم).
ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﯜن ﻗﯘرﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﭘﯧﺘﻰ، ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮرا ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎم ﺧﻪﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر، ﺑﻮراﻧﺪﯨﻦ ۋە ﭼﺎڭ – ﺗﻮزاﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﻪزى ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎﻟﭙﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﭙﺎﻗـلاپ، ﺑﻮرا ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎم ﺧﻪﺳﯩﺪە ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻳﺎﻣﻐﯘر، ﭼﺎڭ – ﺗﻮزاﻧـلاردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺑﻪك ﺋﻜﺘﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪۇ.
ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﯜزۈم، ﻗﻮﻏﯘن، ﺗﺎۋۇزﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻗﺎرا ﺋﯚرۈك، ﺋﻪﻳﻨﯘلا ۋە ﭼﯩـلاﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯘرۇﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﺎم ﻗﺎﭘـلاردا ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺳﺎﻗـلاش ۋە ﻗﯘرت ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﻧﻪﺷﭙﯜت، ﺋﺎﭘﻠﯧﺴﯩﻨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ دەرﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜزۈپ، ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺳﯜرﺗﯜپ (ﻳﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ) ﻗﻪﻏﻪزدە، ﺋﻮراپ، ﻳﯧﺸﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﭼﯩـلاپ، ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪا ﻗﻮﻳﯘش، ﺑﻪك ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺑﻪك ﺳﻮﻏﯘق ﮬﺎۋادﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﻪك ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮬﺎۋادا ﺋﺎﺳﺎن ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﻳﻰ ﺧﻮراپ، لاۋزا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﻪك ﺳﻮﻏﯘق ﮬﺎۋادا ﻣﯘزلاپ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮬﺎۋاﻏﺎ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯧﺮﯨﭗ ﺗﯧﺰل ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﺳﯧﺴﯩﻴﺪۇ. ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﮬﯚل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻣﯘراﺑﺒﺎ، ﺳﯩﺮﻛﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩـلار ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻣﯘراﺑﺒﺎ، ﺷﻪرﺑﻪت ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺳﺎﻗـلاپ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.