ماددىنىڭ پىشىشىنىڭ پايدىسى
كېسەلنىڭ خەۋپ-خەتىرى ماددا پىشىپ يېتىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ. ماددىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى كېسەلنىڭ ھەقىقەتەن خەۋپ-خەتەردىن ئۆتۈپ ساقىيىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (تېۋىپ كېسەلنى خاتا داۋالاپ قويمىغان تەقدىردە). ئەگەر خاتا داۋالاپ قويغان بولسا، ماددا پىشقاندىن كېيىنمۇ يەنە كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ياكى باشقا كېسەللىككە يولۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ماددىنىڭ پىشماسلىقى ئاساسى جەھەتتىن خەتەرلىك ئەمەس. نۇرغۇنلىغان كېسەللەر ئۇزۇن يېتىش ئارقىلىق ماددىسى پىشقانلىقى ئوچۇق بىلىنمەستىنلا ساقىيىپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. كېسەلنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ياخشى بولسا، ساقىيىش ئىشەنچلىك بولىدۇ. كېسەل بەك ئاجىزلىشىپ كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە كەم ماغدۇر بولۇپ قالغان بولسا، بۇ خەتەرلىك. ئىششىقلاردا ماددا پىشمىسا، يىرىڭلار سۇيۇق بولىدۇ. ماددا پىشمىغان
سەۋەبتىن تومۇرلاردا، ئەزالاردا ھارارەت پەيدا بولىدۇ. ھارارەت تومۇرلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ماددا پىشقاندىن كېيىن خەتەردىن خالىي بولىدۇ. ماددىنىڭ ھەقىقىي پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئۆلۈم ئالامەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا ماددىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى خەتەرلىك ئالامەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ماددا ياخشى پىشسا، خەتەر ئاز كۆرۈلىدۇ.