ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

ماددىنىڭ پىشىشى

ماددىنىڭ پىشىشى 2 خىل بولىدۇ:
1) ھەقىقىي پىشىش. بۇ، كېسەلنى ئۆزگەرتكۈچى (كېسەلنى ساقىيىشقا باشلىغۇچى) قۇۋۋەت بولۇپ، كېسەللىكنىڭ ئەسلى ئاساسىغا، كېسەلنى راۋاجلاندۇرغۇچى ئامىل بولۇۋاتقان نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنى ياندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قازىنىدۇ.
 2) يالغان پىشىش ياكى يامان پىشىش. بۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ راۋاجلاندۇرغۇچى ئامىللىرىنى يېڭەلمەي، ئۆزى يېڭىلىپ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلايدۇ. نەتىجىدە كېسەل ساقىيىشقا يۈزلىنەلمەيدۇ.
ماددىنىڭ تولۇق پىشقانلىقىنىڭ مىسالى شۇكى زاتىلجەنبى (كۆكرەك پەردە ياللۇغى) دا چىققان بەلغەم قويۇق-سۇيۇقلۇق جەھەتتىن ئوتتۇرھال، رەڭگى ئاق ۋە سارغۇچ بولۇپ، ئوتقا سالغاندا سېسىق پۇراق چىقمىسا، ماددا پىشقان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قويۇق ياكى بەك سۇيۇق بولۇپ، رەڭگى قارا ياكى يېشل بولسا، سېسىق پۇرىسا، بۇخىل ئەھۋال كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىنى، ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button