كېسەل تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىش
تېۋىپ داۋالىنىش ئالدىدا تۇرغان بىمارنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى، كېسەلنىڭ تۈرى، كېسەل بولغان ۋاقتى، ئاساسى كېسەللىك زارى، قوشۇمچە كېسەللىك ئالامەتلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولۇق، ئەتراپلىق پۇختا ئىگلىشى، كېسەللىكنىڭ قايسى تۈردىكى كېسەل ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىۋېلىشى بەك مۇھىم.
ئۇنىڭ كونكرېتنى ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن كېسەلنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇپ خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.
بىمارنى ھەم بىمارنىڭ تومۇرىنى تەكشۈرگەندە، ئەھۋال ئاساسەن مەلۇم بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىلىۋېلىش، داۋالاش ۋاقتىدا شۇ كېسەلنىڭ مىزاجىنىڭ ئەكسىچە تەدبىر قوللىنىش لازىم.
كېسەللىكنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: ئىششىق، ئىسسىتمىلىق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈر كېسەللىكى، يەل قۇلۇنجى، ئاشقازان كېسەللىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
تېۋىپ كېسەلگە ئىسسىتمىلىق كېسەل دەپ دىئاگنوز قويسا، شۇ ئىسسىتمىلىق كېسەلمۇ بىر نەچچە خىل بولىدۇ. مەسىلەن: كۈندۈزى تۇتىدىغان ئىسسىتما، تەپپى دىق (جۈدەتكۈچى، ئۇرۇقلاتقۇچى قىزىتما)، بۇسلۇق ئىسسىتما (بۇ، بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ بۇس-بۇخاراتىدىن پەيدا بولىدۇ) قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىنى ئۆز تۈرى بويىچە ئايرىم تونۇۋېلىش لازىم.
مەسىلەن: بۇسلۇق ئىسسىتمىنىڭ يەنە بىرخىلى تەيپى غەب (كۈن ئاتلاپ تۇتىدىغان تەپ) بولۇپ، بۇمۇ خالىس (شىرىكچىلىكى يوق)، غەيرىي خالىس (شىرىكچىلىكى بار) ۋە شەترەل غەب (كۈن ئاتلاپ يېرىم تۇتىدىغان تەپ ) قاتارلىق 3 خىلغا ئايرىلىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنى ئۆز تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تونۇۋېلىش كېرەك. كېسەلنى تەشخىس (دىئاگنوز) قىلىپ ماھىيىتىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن قانداق ئىلاج قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە قانداق داۋالاشقا توغرا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوبدان لايىھە تۈزۈۋېلىش كېرەك.
بۇنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى مۇنداق: مەسىلەن: مەلۇم كېسەللىك ئىسسىقتىن پەيدا بولغان بولسا، بۇنىڭدىكى قىزىقلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ۋە سەپرانى قايتۇرۇش ئۈچۈن، پالان دورا ياكى پۇستان سۈرگە بىلەن ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىلاج قىلىمىز دېگەنلەرگە ئوخشاش.
كېسەلدە بىر خىلىتنىڭ ئاساسلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئالامەت بولىدۇ.
تېۋىپ كېسەلنىڭ جىنسى، پەيدا بولغان ۋاقتى، كېسەللىكنىڭ تۈرى، ئاساسىي كېسەللىك، قۇشۇمچە كېسەللىك ۋە ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكشۈرسە، كېسەلنى تېز ۋە توغرا تونۇۋالىدۇ. شۇنداقلا داۋالاش يولىنىمۇ ئاسان تاپالايدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلماي، كېسەلنى ئۆز تۈرى بويىچە تونۇپ چىقالمىسا، چوقۇم داۋالاشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.