ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

كېسەللىك ۋەئېشەنچ

كېسەللىك سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزگە ئوخشايدۇ،ئۇ ھەرقانچە يەڭگىل بولسىمۇ.ئۇنىڭغا قەتئى سەل قاراشقا بولمايدۇ.بەلكىم مۇشۇ كىچىككىنە سەل قاراش تۈپەيلىدىن سىزنىڭ ھاياتىڭىز ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بىراق كېسەللىك ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ قېلىشقا بولمايدۇ،ئۇنىڭدىن قورقۇشمۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىز ئۈچۈن بىر تەھدىت.كېسەللىك يەڭگىل بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماڭكى ۋاقتىدا داۋالىنىڭ،ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەڭكى ،ئۇنىڭدىن ساقىيىشقا ھەم قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىڭىز بولسۇن ،سىزنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىڭىز ھەم روھى بەردەملىكىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىمدىن تېپىلمايدىغان ھەم سىزچوقۇم ئىچمىسىڭىز بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم دورا.سىز مۇشۇ دورىنى ئىچمىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن سىزنى ناھايىتى يەڭگىل بىر كېسەلمۇ ھالاك قىلىۋېتىشى مۇمكىن،مۇشۇ دورىنىڭ خاسىيىتىدىن بەلكىم سىز ئىنتايىن ئېغىر كېسەلدىنمۇ ئامان قېلىشىڭىز مۇمكىن.شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەرقانداق كېسەلگە نىسبەتەن ھەم ھۇشيار بولۇڭ ھەم قەيسەر بۇلۇڭ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button