ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

كېسەللىك تونۇش ئىلمى

     كېسەل كىشىنى تەكشۈرۈش، كېسەللىكنى ئېنىقلاپ، تونۇپ توغرا باھا بېرىش، كېسەللىكنى تونۇش ئىلمى ( ئىلمى تەشخىس) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى، تىۋىپلىق سەنئىتىدىكى مۇھىم ئاساسى ماھارەتلەرنىڭ بىرى.
    ئادەم بەدىنى، ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان مۇرەككەپ بىر پۈتۈن جانلىق جىسىم بولغاچقا، كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى خىلمۇ- خىل بولىدۇ. ئۇلارنى توغرا تونۇپ توغرا باھا بىرىش، توغرا ئۈنۈمۈلك داۋالاش تەدبىرىنى قوللىنىشنىڭ ئاچقۇچى. توغرا ئۈنۈملۈك داۋالاش تەدبىرى قوللانغاندىلا كېسەللەرنىڭ سالامەتلىكىگىنى ئوڭۇشلۇق تېز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 
    قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىۋىپلىرى، ئىلمى تەشخىس جەھەتتە نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەن، كۆپلىگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان قائىدىلەرنى بەرپا قىلغان. ھەر بىر تېببىي خادىم بۇ قائىدىلەرنى مۇكەممەل ئىگەللىۋېلىشى، ئۇلارنى ئىمكانىيەت دائىرىسىدە بىرلەشتۈرۈشى، بىرى ياكى بىر قانچىسىغىلا يۆلۈنىۋالماسلىقى، ئىگە بولغان نەتىجىلەرنى يېغىنچاقلاپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئاندىن خۇلاسە چىقىرىشى لازىم. كېسەللىك تونۇش ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى بەشە بۆلۈنىدۇ.
    1. قاراپ تەڭشۈرۈش.
    2. تىڭشاپ تەكشۈرۈش
    3. سوراپ تەكشۈرۈش.
    4. تۇتۇپ تەكشۈرۈش.
    5. قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەر ( چوڭ- كىچىك تەرەت، خەپرۈك ۋە قۇسقان ماددىلارنى تەكشۈرۈش).

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button