كۆز ئاسراش ھەققىدە
كۆزنى ئاسراش:
كۆزنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەك ئاق، پارقىراپ تۇرغان ۋە نۇر چېچىپ تۇرغان نەرسىلەرگە − كۈننىڭ ئۆزىگە ۋە چوڭ لامپا چىراغ، قار قاتارلىق نەرسىلەرگە كۆپ قارىماسلىق؛ توپا − چاڭ، تۈتۈن، ئاچچىق بۇس − بۇخارلارنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ بولۇپمۇ تاش پارچىلىرى، تاش كۆمۈر ئۇچقۇنلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش؛ پاشا، كۇمۇتا ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بەك ئۇششاق خەت، ئۇششاق رەقەملەرگە ئۇزاق قاراش كۆزگە ناھايىتى زىيانلىق. كۆپ يىغلاش، كۆپ ئۇخلاش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلىماسلىق، ئاپتاپتا ئۇزۇن يۈرۈش، كۈن تۇتۇلغاندا، ئاي تۇتۇلغاندا ئۇلارغا قاراش، كەپشەرلەش سايمىنىدىن چىققان نۇرغا قاراش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئىلاجى بولسا سارغۇچ رەڭلىك، كۆك رەڭلىك ئەينەك تاقىۋېلىش لازىم. ماشىنا ۋە ھەرىكەتلىك نەرسىلەردە كېتىۋېتىپ خەت ئوقۇماسلىق، خىرە يورۇقلۇق ئاستىدا خەت ئوقۇماسلىق كېرەك. مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ يورۇقلۇقى يېتەرلىك بولۇشىغا، يورۇقلۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سول قول تەرىپىدىن چۈشۈشىگە قەتئىي دىققەت قىلىش لازىم. ئۆتكۈر سوغۇق ۋە ئىسسىق ھاۋانىڭ بىۋاسىتە كۆزگە تەسىر قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆتكۈر پۇراقلىق نەرسىلەرنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش، جىنسىي ئالاقىنى زىيادە قىلىش، ھاراق، تاماكا ۋە سۈرلەنگەن گۆشلەرنىڭ ھەممىسى كۆزنىڭ ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كۆزنى قاتتىق ئۇۋلىماسلىق، قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا دەرھال چىقماسلىق، بەك تۇزلۇق تاماقلاردىن ۋە قېنىق چاي، ئۆتكۈر چاي دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. يېشىل ئېتىزارلىقلارغا قاراش كۆزگە پايدىلىق دېيىلسىمۇ، لېكىن داۋاملىق قاراش يەنىلا زىياندىن خالى ئەمەس. گۈزەل مەنزىرىلەرگە سۈزۈك ئېقىن سۇغا قاراش كۆز ئۈچۈن پايدىلىق. ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇغۇق سۇغا شۇڭغۇش ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆزنى ئېچىشنى ئادەت قىلىش پايدىلىق. ئادەتتە، كۆزنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قۇرۇق سۇغۇق نەرسىلەر پايدا قىلىدۇ.
(1) نۇرنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسگە دىققەت قىلىش كېرەك. كۈچلۈك، ئۆتكۈر يۇرۇقلۇقتىن ساقلىنىش، يەنى رېنتگېن نۇرى، لازى نۇرى، ئولتۇرا بىنەپشە نۇرلاردىن ساقلىنىش لازىم. ئادەتتە بىر ئىككى مېتىر ئارلىقتا كۆزگە چۈشىدىغان نۇر 40 ۋاتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى لازىم. ئەگەر كۈچلۈك نۇردىن ساقلانمىغاندا، ئۇ ئاق ئاقسىل ۋە V1Aنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ قويىدۇ. (2) كۆزنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن كۆزنى سۈرتمەسلىك، ئۇۋلىماسلىق لازىم. (3) مەلۇم يۇرۇقلۇق ئاستىدا يۇرۇقلۇق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ئېلېكتر يۇرۇقى بىلەن ياكى چىراغ يۇرۇقى ئاستىدا كۆزنىڭ كۆرۈش بولۇڭى°30 -°80 گرادۇس ئەتراپىدا بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېزىقچىلىق قىلغاندا ياكى ماتېرىيال كۆرگەندە ھەر يېرىم سائەتتە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. (4) ئىسسىق – سوغۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرىدىن زىيادە تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم. ئىسسىقلىق كەيپىيات كۆزنىڭ قىل قان تومۇرلىرىدا قان تولۇش خارەكتىرلىك كۆرۈش سېزىمى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوغۇق كەيپىيات قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى، قان يېتىشمەسلىك خارەكتىرلىك كۆرۈش ئاجىزلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئاقسىللىق ۋە ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.