ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى
ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى،ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىكى توغرىسىدا
تېبابەت ئىلمىنىڭ ئەمەلىي قىسمى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.بىرىنچى قىسمى ساغلام بەدەننىڭ تەدبىرىنى بىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ،ساقلىقنى ساقلاشقا مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى دەپ ئاتىلىدۇ .ئىككىنچى قىسمى كېسەل بەدەننىڭ تەدبىرىنى بىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ،ساغلام ھالەتكە قايتۇرۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ،داۋالاش ئىلمى دەپ ئاتىلدۇ.
بەدەن ئاپەتنىڭ ئىككى تۈرى ئۈچۈن ئورۇن بۇلۇپ،بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىچىدىن ۋە سىرتىدىن سەۋەب تېپىلىدۇ .ئاپەتنىڭ بىرى ئادەم بەدىنىدىكى ھۆللۈك (رۇتۇبەت) نىڭ ئاستا-ئاستا تارقىلىپ كېتىشى؛ ئىككىنچىسى،ئاشۇ ھۆللۈكنىڭ سېسىپ،بۇزۇلۇپ،ھاياتلىققا ياردەم بېرىش قابىليىتىنى چىقىش قىلغانلىقىدۇر .ئىككىنچى تۈر گەرچە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇۋېتىپ،زەرەر يەتكۈزسىمۇ،لېكىن بىرىنچى تۈردىكى ئاپەتتىن پەرقلىنىدۇ.بۇنىڭدا ئاۋۋال ھۆللۈك بۇزۇلىدۇ،ئاندىن بەدەنگە پايدىلىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ،ئاخىرىدا ھۆللۈك سېسىش ئارقىسىدا تارقىلىپ كېتىدۇ.مۇشۇ ئىككى ئاپەتنىڭ ھەربىرى سرتقى ۋە ئىچكى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
سىرتقى سەۋەبلەرگە ھۆللۈكنى تارقىتىدىغان ۋە سېسىتىدىغان ھاۋا كىرىدۇ.ئىچكى سەۋەبلەر ھۆللۈكنى قۇرۇتىدىغان ئىچكى تۇغما ئىسسىقلىق ۋە تاماقلاردىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئىچكى ئەزادا پەيدا بولىدىغان ۋە ھۆللۈكنى سېسىتىدىغان يات ئىسىقلىقتۇر.بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بەدەننى قۇرۇتۇشتا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ.بىزنىڭ ئۆسۈشىمىز،بالاغەتكە يېتىشىمىز ھەمدە تۈرلۈك ئىشلارغا كارغا كەلگۈدەك دەرىجىدە قابىليەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بۇلىشىمىز بەدىنمىزنىڭ قۇرغاقلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ،ئاندىن بۇنداق قۇرغاقلىق ھۆللۈكنىڭ تۈگىشىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ.بەدىنىمىزنىڭ قۇرغاقلىشىشى زۆرۈر بولۇپ،بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئىلاج يوق.
قورغاقلىق كۆپەيگەنسېرى ئىسىقلىق ئازىيىپ بارىدۇ ۋە بەدەننىڭ بوشىشى ئېشىپ،ھۆللۈكنىڭ ئۆزىدىن تارقىلىۋاتقان قىسمىنى تولدۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىش ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ.
تەبىئىي ھۆللۈك تولۇق قۇرۇپ كەتسە،تۇغما ئىسسىقلىق ئۆچۈپ،تەبىئىي ئۆلۈم ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
ساقلىقنى ساقلاش ئۆلۈمدىن ئامان قالدۇرۇشقا ۋە بەدەننى سىرتقى ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.بەلكى،ئىككى نەرسىگە(تۇغما نەملىكنىڭ)سېسىشىنى قايتۇرۇشقا ۋە ھۆللۈكنىڭ تېز تارقىلشىدىن ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بەدەننىڭ ھەممىسى ئاساسى ھۆللۈك ۋە ئاساسى ئىسسىقلىق قۇۋۋىتىدە باراۋەر بولماستىن،بەلكى ئۇلار خىلمۇ-خىل بولىدۇ.ھەرقايسى بەدەننىڭ مىزاجىنىڭ تۇغما ئىسسىقلىق ۋە تۇغما ھۆللۈكنىڭ مىقدارىنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىدە زۆرۈر قۇرغاقلىشىشقا قارشى تۇرىدىغان چېگرىسى بار.بەدەن ئاشۇ چېگرىدىن ئۆتمەيدۇ،لېكىن گاھ قۇرغاقلىشىشقا ياردەم بېرىدىغان ياكى باشقا سەۋەب بىلەن ھالاك قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ پەيدا بۇلشى ئارقىسىدا،بەدەن ئاشۇ چېگرىغا يېتەلمەيدۇ.كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇ بىرىنچى سەۋەبنى تەبىئىي ئەجەل كېيىنكى سەۋەبنى تاساددىبىي ئۆلۈم دەپ قارايدۇ.
ساقلىقنى ساقلاش سەنئىتى ئادەم بەدىنگە مۇناسىپ كېلىدىغان ۋە ياقىدىغان نەرسىلەرنى ساقلاش ئارقىلىق ئاشۇ تەبىئىي ئەجەل دەپ ئاتىلدىغان ياشقا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.ساقلىقنى ساقلاش ئىككى قۇۋۋەتكە تاپشۇرۇلغان،تېۋىپ(دوختۇر) ئاشۇ قۇۋۋەتلەرگە خىزمەت قىلىدۇ.بىرى،ئۇزۇقلاندۇرۇلدىغان تەبىئىي قۇۋۋەت ماددىسى تۇپراققا ،سۇيۇقلۇققا مايىل بولغان ۋە بەدەندىن تارقالغان نەرسىلەرنىڭ خورىشىنى تولدۇرىدۇ؛ئىككىنچىسى،ھاياتى قۇۋۋەتتىكى يۈرەك ۋە تومۇرلارنى ھەركەتلەندۈرىدىغان ھاۋالىق ئوتلۇق جەۋھەرگە ئىگە بولغان روھنىڭ تارقالغان قىسمىنى تولدۇرىدۇ.
دېمەك،ساقلىقنى ساقلاشتا ئاساسى نەرسە تۆۋەندىكى ئومۇمى ۋە زۆرۈر سەۋەپلەرنى مۆتىدىل قىلىشتۇر.بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك نەرسە مۆتىدىل قىلىشقا كۆپرەك ئېتىبار قىلىنىدۇ.مىزاجنى مۆتىدىل قىلىش،يېيىلىدىغان ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەرنى تاللاش،بەدەننى چىقىرىندىدىن تازىلاش،توغرا تۈزۈلۈشنى ساقلاش،بۇرۇنغا ئالىدىغان ھاۋانى يېتەرلىك ۋە ياخشى قىلىش،كېيىدىغان كىيىملەرنى ياخشىلاش،جىسمانى روھىي ھەركەتلەرنى مۆتىدىل قىلىش؛شۇ ھەركەتلەر جۈملىسىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق كىرىدۇ.