ئاساسىي نەزەرىيەسەھىپە ئايرىلمىغان

تەپەككۈرنىڭ پەيىدا بۇلۇشى

تەپەككۈرنىڭ پەيىدا بولغان ۋاقتنى ئىنسانلار پەيىدا بولغان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئەگەر ئىنسانلارنىڭ پەيىدا بولغان ۋاقتنى 1مىليۇن يىل بولدى دېسەك، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر پائاليتىنىڭ پەيىدا بولغىنىغا ھەم 1مىليۇن يىل بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە: بىرىنىچى، تەپەككۈر ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك قوراللىرنى ئىجاد قىلشىدىكى مۇھىم شەرىت. ئەمگەك قوراللىرنى ئىجاد قىلش ئىنسانلارنىڭ ھايۋانيلىقتىن ئايرىلىپ ،ئىنسانلارجەميىتىگە قەدەم قويغانلىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرنىڭ بىرسى. ئەمگەك قوراللىرنى ئىشلەپچىقىرش ئۈچۈن چوقوم ئەمگەك ئوبىكتىنىڭ ئالاھىدىلكىنى ئويلىشىپ، ئاندىن ئەمگەك قوراللىرنى ياسايىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ئالاھىدىلكنى بىكىتىش ھەققىدە پىكىر قىلىدۇ.
ئىككىنچى، مەدەنىيەت بەرپا قىلشىدىكى كۆۋرۈك.ئىنسانىيەت پەيىدا بۇلۇشنىڭ تۈپ بەلگىسى –مەدەنىيەت يارىتش ۋە ئۇنى ئىشىلىتىش.مەدەنىيەتنى يارىتىش ۋە ئىشىلىتىش جەريانى بولسا بولسا ئوبىكتىپ دۇنىياغا بولغان ئىنكاس بىلدۈرۈش جەريانى ،پەقەت تەپەككۈر پائاليىتى مەدەنىيەت يارىتالايىدۇ ،مەسلەن:ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆڭكۈر ئىزدەش ،قىرلىق تاشلارنى ياساش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوبىكتىپ دۇنىيانى ئۆز ئىدىيىسدە ئۆز-ئارا باغلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچۈنچى، تەپەككۈر ئادەمنىڭ جەمىيەت تەۋەلىكنى ھازىرلىشنىڭ دەسلەپكى شەرتى.ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن تۈپ پەرقى بولسا ئۇلارنىڭ ئىجىتمائىلاشقانلىقىدىندۇر.
ئىنسانلار تىل ئارقىلق شەيىئلەرگە بولغان تۇنۇشنى ئىپادلەيىدۇ.تەپەككۈر بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىجىتمائى ئالاقىدىكى زۆرۈر ئالدىنقى شەرتلىرنىڭ بىرى.تەپەككۈر بولمسا ئىجىتمائى ئالاقە قىلغلى بولمايىدۇ. بىز ئەمەلىي پاكىتلار ئارقلىق ئىنسانلار تەپەككۈرنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بېكتەلمەيمىز.نەزىريىۋى ئىسپاتلار تەپەككۈرنىڭ پەيىدا بولغان ۋاقتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇلدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button